مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەتىياز پەسلىدە ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىشىدىن ھوشيار بولۇڭ! تۆۋەندىكى تەپسىلاتلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ

2022.05.07 21:49 مەنبە: تىيانشان تورى

  ئۇنداقتا، قانداق ئامىللار ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىش خەۋپ- خەتىرىنى قانداق تەكشۈرۈش كېرەك؟ تۆۋەندە بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى!

   ئەتىياز پەسلىدە ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كېتىشىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك

   ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل توك يولىنىڭ كونىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


   بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، كونا ئاپتوموبىل ياكى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ئاپتوموبىللاردىلا توك يولى كونىراش مەسىلىسى كۆرۈلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاپتوموبىل يېشى تۆت يىلدىن ئېشىپ كەتكەن ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسىدە توك يولى يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن.


   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتوموبىللاردا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، بۇنداق ئەھۋالدا توك ئېقىمى كۈچىيىپ، تۆت- بەش يىلدىن كېيىن ئاپتوموبىل توك يولىنىڭ ئىزولياتسىيە قەۋىتى ئاسان سويۇلۇپ چۈشۈپ كېتىدۇ- دە، توك قېچىش، قىسقا تۇتۇشۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.

   مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، موتور كاۋچۇكىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى بولغان ئەھۋال ئاستىدا، توك يولىدا توك قېچىش، قىسقا تۇتۇشۇش ئەھۋال كۆرۈلسە، باشقا پەسىللەردە بەلكىم پەقەت ئاپتوموبىلنىڭ ئېلېكتىرونلۇق كاشىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئادەتتە ئۆزلۈكىدىن كۆيۈش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ.


   ئەمما، ئەتىياز پەسلىدە ھاۋا ئىسسىپ، ئاسان ئوت ئالىدىغان ئامىللار كۆپىيىدىغان بولغاچقا، قۇرۇق ئوت- چۆپ، قۇرۇق يوپۇرماقلاردىن باشقا، ئوت ئېلىش نۇقتىسى تۆۋەن، تېز كۆيىدىغان تېرەك، سۆگەت توزغىقى قاتارلىقلارمۇ ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   ئەتىياز پەسلىدە سۆگەت توزغىقىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ موتورى ئاسانلا توزۇپ چۈشكەن سۆگەت توزغىقى بىلەن قاپلىنىپ قالىدۇ، ۋاقتىدا تازىلانمىسا، ئاپتوموبىل قوزغىتىلىپ ياكى توك يولىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ ئۇچقۇن چىققاندا سايمان ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.   


   ئاپتوموبىل ئىگىسى توك يولىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، توك يولىنىڭ كونىرىشىدىن كېلىپ چىققان توك قېچىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تېرەك، سۆگەت توزغىقى كۆپ بولىدىغان پەسىلدە موتورنىڭ دىۋىگاتېل بۆلمىسىنى تەكشۈرۈپ، تازىلاش كېرەك. ئەگەر بۇنى ئاۋارىچىلىك كۆرسە، موتور ساندۇقىغا بىر سۇ ساندۇقى مۇداپىئە تورى ئورنىتىپ قويسا، تېرەك، سۆگەت توزغىقى قاتارلىق غەيرىي نەرسىلەرنىڭ موتور ساندۇقىغا چاپلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.  


   تازىلىغاندا، موتورنىڭ قاپقىقىنى ئېچىپ، سۇ ساندۇقىنىڭ مۇداپىئە تورىنى تارتىپ چىقىرىپ، سۇ مىلتىقى بىلەن پۈركۈپ يۇيۇۋەتسىلا بولىدۇ.

   يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاشتىكى ناچار ئادەتلەر ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

   ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلىدىن باشقا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىشىمۇ ئەتىياز پەسىلىدە كۆپ يۈز بېرىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بىلەن ئەنئەنىۋى يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلنىڭ پەرقى ئاساسلىقى بىر يۈرۈش باتارېيە سىستېمىسى كۆپەيگەنلىكىدە.  


   ئېنېرگىيە باتارېيەسى سىستېمىسىدىكى ئېلېكتىرولىز سۇيۇقلۇقى ئەسلىدىلا بىر يېنىشچان ماددا. ئۇنىڭ ئىسسىقلىقى يىغىلىپ يېنىش نۇقتىسىغا يەتكەندە، ئىسسىقلىق ياخشى تارقىمىسا، ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللاردا باتارېيە تېمپېراتۇرىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشى ئاساسلىقى توك قاچىلاۋاتقاندا كۆرۈلىدۇ.


   ئۇزۇن ۋاقىت توك قاچىلاش، تېز توك قاچىلاش قېتىم سانى ئېشىپ كېتىش قاتارلىق ناچار توك قاچىلاش ئادەتلىرى ئەتىياز پەسلىدىكى قۇرغاق، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا ئاسانلا ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   شۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا كېرەككى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدا پارتلاش يۈز بېرىپ ئوت كەتسە، ئوت ناھايىتى تېزلا يامراپ زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىدۇ. شۇڭا ئاپتوموبىلغا ئوت كەتكەندە، چوقۇم ئالدى بىلەن نەق مەيداندىن قېچىپ كېتىش ھەم ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەك. مال- دۇنياغا تارتىشىپ ئەڭ ياخشى قېچىپ قۇتۇلۇش پەيتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق كېرەك. 


   مەيلى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل بولسۇن ياكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بولسۇن، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىشتىن ھوشيار بولۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ