مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«كۆكتات يېيىش ياكى يېيەلمەسلىكنىڭ ئۆزى سىياسىي»

2023.03.16 21:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «يۇرتداشلار ئارىسىدا <ئۈچ كۈن كۆكتات يېمىسە، كۆزىگە يۇلتۇز كۆرۈنىدۇ> دەيدىغان گەپ بار. كۆكتات يېيىش-يېيەلمەسلىكنىڭ ئۆزى سىياسىي. ھازىر ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى كادىرلار، بولۇپمۇ بەزى ياش كادىرلار بۇ جەھەتتىكى مەسىلىگە سەل قاراۋاتىدۇ، بۇنداق قىلساق بولمايدۇ.» مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، فۇجوۋدا خىزمەت قىلغان چاغدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ، ياش كادىرلارغا سەمىمىي نەسىھەت قىلدى.

  «كۆكتات يېيىش-يېيەلمەسلىكنىڭ ئۆزى سىياسىي»، ئاددىي سۆزلەر چوڭقۇر قائىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم، كىچىككىنە تاماق قاچىسى ئەل رايىغا باغلانغان، ئەلرايى ئەڭ چوڭ سىياسىيدۇر. خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى دەپ بىلگەن جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدا «ھەر ۋاقىت خاتىرجەم بولالمايدىغان» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولغاندىلا، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پۇقرالارنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلالايدۇ.

  پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پۇقرالارنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشتا، مەسىلىلەرگە سىياسىي جەھەتتىن قاراشقا ماھىر بولۇش كېرەك. «كۆكتات يېيىش-يېيەلمەسلىكنىڭ ئۆزى سىياسىي» ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەچكە، يولداش شى جىنپىڭ فۇجوۋ شەھىرىنىڭ رەھبىرى بولغاندا، «كۆكتات سېۋىتى»نى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ھەر كۈنى كۆكتات باھاسىنى كۆرۈپ تۇرغان. ئاشلىق، كۆكتاتقا ئوخشاش «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» ئالدىدا، رەھبىرىي كادىرلار تەدبىر بەلگىلىگەندە ئىقتىسادىي ھېسابات، كۆز ئالدىدىكى ھېساباتنىلا قىلماسلىقى، بەلكى سىياسىي ھېسابات، ئۇزاق مەزگىللىك ھېساباتنىمۇ قىلىشى لازىم، «بىر مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئون ئەپسۇسلىنارلىق ئىش قالدۇرۇپ قويۇش»قا بولمايدۇ. ھېساباتنى ئېنىق قىلىش، ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسىلىلەرگە سىياسىي جەھەتتىن قاراشقا ماھىر بولۇش كېرەك. مەسىلىنى سىياسىي جەھەتتىن تەھلىل قىلغاندىلا، ئاندىن ماھىيىتىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، مەسىلىنى سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلغاندىلا، ئاساسنى تۇتقىلى بولىدۇ. بۇ، رەھبىرىي كادىرلاردىن سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قانداق قاراش، قانداق ئىشلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  خەلقنى كۆزلەيدىغان ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپرەك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلىساق، يېڭى ئىمتىھان يولىدا چوقۇم يېڭى، ئەلا جاۋابلارنى تاپشۇرالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ