مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى پويىز بېلىتىنى ئۆزگەرتىش بەلگىلىمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش تەكلىپى بەردى

تورداشلار قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2023.03.16 00:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، «پويىز بېلىتىنى ئۆزگەرتىش بەلگىلىمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش تەۋسىيەسى» مىكرو بىلوگدا كۆپ ئىزدەلگەن تېمىلارنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ، تورداشلارنىڭ مۇھاكىمىسىنى قوزغىدى.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، پويىز ھازىر پۇقرالارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان قاتناش شەكلىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئەمما، يولۇچىلار بەزىدە يۈرۈش مۇساپىسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، بېلەتنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۆزگەرتىش ۋاقتى بەك چەكلىك، سەپەرگە چىقىشقا قولايسىز، دەپ قارىدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، خۇنەن «كېلىئېر» ئېلېكتىر ماشىنىلىرى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، باش دىرېكتورى نيې پېڭجۈنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە پويىز بېلىتىنى ئۆزگەرتىشتىكى قولايسىزلىقلار تۆۋەندىكى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن:

  پويىز قوزغىلىشتىن بۇرۇنقى 48 سائەت ئىچىدە بولسا، بېلەتتىكى ۋاقىتتىن كېيىنگە ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە بولمايدۇ. يولۇچىلار دائىم ئولتۇرغان پويىزنىڭ ۋاقتى سەپەرگە چىقىش تەلىپىنى قاندۇرالمىغاچقا، ۋاقتىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، 48 سائەت ئىچىدە پەقەت شۇ كۈندىكى ۋە شۇ كۈندىن ئاۋالقى پويىز قېتىمىغىلا ئۆزگەرتەلەيدۇ، كۆپ ساندىكى يولۇچىلارغا نىسبەتەن تاللاش بوشلۇقى كىچىك، ۋاقىت جەھەتتە ئىنتايىن قولايسىز.

  بىر پارچە پويىز بېلىتىنى پەقەت بىر قېتىملا ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، ئۆزگەرتكەندىن كېيىن قايتا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. نۆۋەتتە يەنىلا نۇرغۇن رايونلاردا پويىز قېتىم سانى بىر قەدەر ئاز بولۇش ئەھۋالى مەۋجۇت، نۇرغۇن يولۇچىلار سېتىۋالغان بېلەتنىڭ پويىز قېتىم سانى شۇ كۈنى پەقەت مۇشۇ بىر قېتىم ياكى شۇ كۈنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق پويىز بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، پويىزغا كېچىكىپ قالغان ھامان، يولۇچىلار بېلەت ۋاقتىنى باشقا كۈنگە ئۆزگەرتىشكە ياكى بېلەتنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ، بولۇپمۇ يىراق مۇساپىلىك سەپەرگە چىققاندا، مۇساپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىنتايىن قولايسىز بولۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ بىر خىل يۈك بولۇپ قالىدۇ.

  پويىز قوزغالغاندىن كېيىن ئۇدۇل بارىدىغان پويىزنىڭ بېلىتىنى ئوتتۇرىدا ئالمىشىدىغان بېلەتكە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ئۇدۇل بارىدىغان بېلەت ئالغان يولۇچى ئەگەر پويىزغا ئۈلگۈرەلمىسە، بەلگىلىمە بويىچە پەقەتلا شۇ كۈندىكى ئۇدۇل بارىدىغان پويىز بېلىتىگىلا ئۆزگەرتەلەيدۇ، ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىدىغان پويىز بېلىتىگە ئالماشتۇرالمايدۇ، شۇنداقلا بېلەتنى قايتۇرالمايدۇ، ئەگەر شۇ كۈنى ئۇدۇل بارىدىغان پويىز قېتىم سانىنىڭ بېلىتى بولمىسا، بېلەت ئامالسىز كېرەكسىز بولۇپ كېتىدۇ.

  نيې پېڭجۈ يۇقىرىقى سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا «پويىز بېلىتىنى ئۆزگەرتىش بەلگىلىمىسىنى ياخشىلاش توغرىسىدا تەكلىپ» سۇندى.

  ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئۆزگەرتىش مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، ئىككىنچى قېتىم ئۆزگەرتىشكە رۇخسەت قىلىنسا، پويىز يولغا چىققاندىن كېيىن بىۋاسىتە بارىدىغان پويىز بېلىتىنى شۇ كۈندىكى ئوتتۇرىدا ئالمىشىغان پويىز بېلىتىگە ئۆزگەرتىشكە رۇخسەت قىلىنسا.

  تەكلىپنىڭ كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  يولۇچىلار بېلەتتىكى ۋاقىتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى 24 سائەت ئىچىدە ئۆزگەرتسە بولىدىغان باشقا پويىزلار: بېلەتتىكى پويىز قوزغىلىدىغان كۈنى سائەت 24:00 تىن بۇرۇنقى پويىزلارغا ئۆزگەرتسە رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمىسا؛ بېلەتتىكى پويىز قوزغىلىدىغان كۈنى سائەت 24:00 تىن كېيىنكى پويىزلارغا ئۆزگەرتسە بېلەت باھاسىنىڭ %10ى بويىچە رەسمىيەت ھەققى ئېلىنسا.

  بىر پارچە پويىز بېلىتىنى ئىككى قېتىم ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان قىلىنسا: ئىككىنچى قېتىم ئۆزگەرتكەندە بېلەت يۈزىدىكى باھانىڭ %10ى بويىچە رەسمىيەت ھەققى ئېلىنسا؛ ئىككىنچى قېتىم ئۆزگەرتكەندە ئەسلىدىكى بېلەتتىكى پويىز قوزغىلىدىغان كۈنىدىن 24 سائەت ئىچىدە بولسا. بېلەت ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، يولۇچىلار ساياھەتنى ئەمەلدىن قالدۇرسا، بەلگىلىمە بويىچە بېلەت قايتۇرالايدىغان بولسا؛ لېكىن پويىز قوزغالغاندىن كېيىن ئۆزگەرتكەن بېلەتنى قايتۇرۇشقا بولمىسا بولىدۇ.

  پويىز يولغا چىققاندىن كېيىن، ئەگەر شۇ كۈنى بىۋاسىتە بارىدىغان بېلەت بولمىسا، ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىدىغان بېلەت بار ئەھۋالدا، شۇ كۈنىنىڭ ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىدىغان بېلىتىگە ئۆزگەرتىشكە رۇخسەت قىلىنسا بولىدۇ.

  يۇقىرىقى تەكلىپلەرگە قارىتا نۇرغۇن تورداشلار: «بەك ياخشى بولدى! قوللايمىز!» دېيىشتى.

  پويىز بېلىتىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا قانداق ئويلىرىڭىز بار؟

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ