مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى: ياشلار، يېڭى شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك

2023.03.09 09:58 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 2-مەيدان «مىنىستىرلار يولى» ئېچىلدى.

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى نى خۇڭ مۇنداق دېدى: ئۆي-زېمىن كەسپى ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆي-زېمىننى مۇقىملاشتۇرۇشتا شەھەرگە قاراپ تەدبىر قوللىنىش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، بىر شەھەرگە بىر تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، زۆرۈر ۋە ياخشىلاش خاراكتېرىدىكى تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ جانلىنىشىنى، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلەىرى سۈرۈش كېرەك.

  يەنە بىر تەرەپتىن، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياشلار، يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ياخشى ھەل قىلىپ، ئۇلارنى ئەركىن-ئازادە ھەم بەختلىك تۇرمۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملار ئىشتاتى ئىخچاملىنىدۇ

  گوۋۇيۈەننىڭ گوۋۇيۈەن ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە ئاساسەن، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملار ئىشتاتى ئىخچاملىنىدۇ. مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى خادىملار ئىشتاتى بىر تۇتاش %5 لىك نىسبەت بويىچە ئىخچاملىنىدۇ، يىغىۋېلىنغان ئىشتات ئاساسلىقى نۇقتىلىق ساھە ۋە مۇھىم خىزمەتلەرنى كۈچەيتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ