مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش ئەزاسى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ تەيبېيغا بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى

2023.03.08 21:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ 2-مەيدان «ئەزالار يولى» كوللېكتىپ زىيارەت پائالىيىتى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى خەلق سارىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئەزالارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى بىللە ئاڭلايلى!

  ئەزالار يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ تەيبېيغا بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جياڭ لىپىڭ 2-مەيدان ئەزالار يولىدا مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، ھەققانىي ئىش، خەلقنىڭ مايىللىقى. قانداش، قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ تېيىز دېڭىز بوغۇزىدىن ھالقىپ ئۆتەلەيدىغانلىقىغا، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ تەيبېيغا بارالايدىغانلىقىمىزغا، تەيۋەنلىك يۇرتداشلارنىڭمۇ خالىغانچە ساياھەت قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسىنىڭ مۇدىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ھەققىدە سۆزلىدى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسىنىڭ مۇدىرى ما خۇەيدې مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر 11 مىليون 580 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن. قانداق قىلغاندا مۇۋاپىق خىزمەت تاپقىلى بولىدۇ؟ بىر تەرەپتىن ئاددىي-ساددا بولۇش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئىشنى ئەڭ ئاساسىي خىزمەت، ئەڭ ئاساسىي مۇھىتتىن باشلاش كېرەك. بۇ، كەسىپ يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى باشلىنىش نۇقتىسى.

  سىياسىي كېڭەش ئەزاسى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى ئىككى يىغىندا تەشۋىق قىلدى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى غەنىزات مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى يېڭى تاراتقۇلار ياشلارغا تەرەققىيات پۇرسىتى بەردى. مەن قىسقا سىن ئارقىلىق شىنجاڭلىقلارنى كۈلدۈردۈم، شۇنداقلا يۇمۇرلىرىمىزنى ئېلىپ شىنجاڭدىن چىقىپ، پۈتۈن جۇڭگو، ھەتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەستانىلەرنى كۈلدۈردۈم. باھار كەلدى، كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىپ، شىنجاڭلىقلار بىلەن دوست بولۇپ، شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناپ، سىن ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى خاتىرىلەپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى بىرلىكتە بايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ