مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەزا ياۋ ئەيشىڭ ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار بار ئائىلىلەرگە ھەر ئايدا ياردەم پۇلى بېرىش تەكلىپى بەردى

2023.03.08 21:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ياۋ ئەيشىڭ بۇ يىل «تۇغۇتنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى ئېلىپ كېلىپ ئىككى يىغىنغا قاتناشتى. ئۇ دۆلەت قاتلىمىدىن تۇغۇت ياردەم پۇلى تارقىتىش سىياسەت-بەلگىلىمىلىرىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر-ئىككى-ئۈچ پەرزەنتلىك بولغان ئائىلىلەرگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر قېتىملىق تۇغۇت مۇكاپاتى بېرىش ھەمدە 0 ئايلىقتىن 36 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار، بالىلار بار ئائىلىلەرگە ھەر ئايدا شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە نورمىلىق بالا بېقىش ياردەم پۇلى بېرىش تەكلىپىنى بەردى.

  ياۋ ئەيشىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2022-يىلى مەملىكەت نوپۇسى 850 مىڭ كىشى ئازىيىپ، 1961-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئازايغان. نۆۋەتتە، 90-يىللاردىن كېيىن، 2000-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار يېڭى توي-تۇغۇت سۇبيېكتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېقىش تەننەرخىنىڭ ئېشىشى، مائارىپ تەشۋىشىنىڭ يامرىشى، ئىقتىسادىي مۇھىت ۋە ئەمگەك-ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت بېسىمىنىڭ ئېغىرلىشىشى، ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلىشى بىلەن ئائىلە توقۇنۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشى، پەرزەنتلەرنىڭ كۈتۈنۈش ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق ئامىللارغا ئەگىشىپ توي-تۇغۇتنى كېچىكتۈرۈش، توي قىلماسلىق، تۇغماسلىق ئەھۋاللىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، بولۇپمۇ «تۇغۇشنى خالىماسلىق، تۇغۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، تۇغالماسلىق» مەسىلىسى كۈنسېرى گەۋدىلىك بولماقتا. گەرچە بەزى جايلار تۇغۇتقا ئىلھام بېرىدىغان بەزى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن سىياسەتنىڭ كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقى ۋە سالمىقى روشەن ھالدا يېتەرسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرۈشلەشمىگەن بولغاچقا، سىياسەتنىڭ ئۈنۈمى تېخى گەۋدىلەنمىدى. تۇغۇتنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قوللاشتا، تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، يەنە ئىقتىساد، جەمئىيەتكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش ھەم ئادەمنى ئاساس قىلىش سىياسەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، تۇغۇت سىياسىتى بىلەن بالىلارنى تەربىيەلەش، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، كۈتۈنۈش، نوپۇس باشقۇرۇش، تۇرالغۇ، يەر قاتارلىق تۈزۈم-سىياسەتلەرنىڭ ماس ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئائىلىلىرى ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم.

  بۇنىڭ ئۈچۈن ئەزا ياۋ ئەيشىڭ يەنە تۇرالغۇ كاپالىتىدە ئېتىبار بېرىش ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى كۈچەيتىش تەكلىپىنى بەردى: قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنى بېقىش يۈكىگە ئاساسەن پەرقلىق ئىجارە بېرىش ۋە ئۆي سېتىۋېلىش ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويۇش لازىم؛ ئىككى، ئۈچ پەرزەنتلىك بولغان ئائىلىلەر تەقسىمات بويىچە ئاممىۋى ئىجارە تۇرالغۇسىنى ئىجارە ئالغاندا، شۇ جاينىڭ تۇرالغۇ كاپالىتى شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى بار ئائىلىلەرگە قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ سانىغا قاراپ ئۆي شەكلىنى تاللاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىلسە بولىدۇ. ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى كېمەيتكەن، كەچۈرۈم قىلغاندىن باشقا، 2-پەرزەنتلىك بولغان، 3-پەرزەنتلىك بولغان ئائىلىلەر ئۆي سېتىۋالغاندا، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرز پۇل سوممىسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش ۋە ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئالاقىدار ياردەملەرنى بېرىش ھەم تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باجدا ئېتىبار بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ