مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈچ دوكلاتتىن 2023-يىللىق خەلق تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر

2023.03.08 21:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقنىڭ ئارزۇسى __ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يۆنىلىشى. بۇ يىلقى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا، قانداق قىلىپ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باشلىنىش يىلىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى كونكرېت كۈرەش نىشانىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان جىددىي، قىيىن، غەم-ئەندىشىلەر ۋە قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر ھەقىقىي ھەل قىلىنىپ، تەرەققىيات ئارقىلىق خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلىدۇ؟

  3-ئاينىڭ 5-كۈنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، تەكشۈرۈشكە سۇنۇلغان پىلان دوكلاتى ۋە لايىھە، خامچوت دوكلاتى ۋە لايىھە قاتارلىق ئۈچ دوكلات خەلق تۇرمۇشىنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى كۆپ جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى كارتىنىسىنى سۈرەتلەپ بەردى.

  داۋالاش: ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى كېڭەيتىلىپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدۇ ۋە رايونلارنىڭ تەكشى جايلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

  داۋالاش ساھەسىدىكى تەدبىرلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى كېڭەيتىپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ۋە رايونلارنىڭ تەكشى جايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  پىلان دوكلاتىدا يېزىلار ۋە تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنىڭ داۋالاش بايلىقىنى كۆپەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت تورىنى كۈچەيتىش كېرەك. خامچوت دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى 30 يۈەن ئۆستۈرۈپ، ھەر بىر كىشىگە يىلىغا 640 يۈەندىن بېرىش ھەم شەخسلەر تاپشۇرىدىغان ھەق ئۆلچىمىنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت خىراجىتىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى بەش يۈەن ئۆستۈرۈپ، ھەر بىر ئادەمگە يىلىغا 89 يۈەنگە يەتكۈزۈش كېرەك.

  تۇرالغۇ: يېڭى شەھەر ئاھالىسى، ياشلار قاتارلىقلارنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسى ياخشى ھەل قىلىنىدۇ

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق ۋە ياخشىلانغان تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قوللاپ، يېڭى شەھەر ئاھالىسى، ياشلار قاتارلىقلارنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  پىلان دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شەھەرگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، سىياسەت قورالى ساندۇقىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، پەرقلىق تۇرالغۇ كىرېدىت سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنىڭ قوللاش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قاتتىق ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قوللاش كېرەك. خامچوت دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاممىۋى ئىجارە ئۆيى، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي ۋە ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئۆي ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مەدەت بېرىپ، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تەمىناتىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، ئۇزۇن مەزگىللىك ئىجارە ئۆي بازىرى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش: دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلۇپ، بېيىش يولى كېڭەيتىلىدۇ

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا يېزا-كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى يەنە 30 يىل ئۇزارتىش توغرىسىدىكى سىياسىتىنى ئىنچىكە خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  پىلان دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق يۆلەيدىغان ناھىيەلەردە كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەر يولغا قويۇلىدۇ. خامچوت دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەركەز مالىيەسىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ياردەم مەبلىغى كۆلىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، 175 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، 10 مىليارد يۈەن كۆپەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئاساسى ئاجىز رايونلارغا نۇقتىلىق مايىللاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ