مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەزا شيې مىنخاۋ: «ئاسپىرانتلار چېمپىيونلۇق سىنىپى»غا كىرىش شەرتىنى كەڭ قويۇۋېتىش كېرەك

2023.03.06 14:34 مەنبە: خەلق تورى

  كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلىش ۋەسەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ئەزەلدىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تەنھەرىكەت مېدىتسىناسى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى شيې مىنخاۋ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر ۋە تىرېنېرلارنى تەنتەربىيە كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىش شەرتىنى تەڭشەپ، تەنھەرىكەتچىلەرنى سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشتا غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

  شيې مىنخاۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەن نۇرغۇن دۆلەت كوماندىلىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇلارنىڭ ئوقۇشقا بولغان تەخىرسىزلىكى تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىنمۇ ھالقىپ، مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئوقۇش تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى ئېنىق بولمىغان چاغدا شۇنداق بولىدۇ، ئوقۇش كېرەكمۇ -يوق؟ دېگەن تاللاش ئۇلارنىڭ كەيپىياتىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ». ئۇ يەنە تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى ۋە تىرېنېرلارنى بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان «ئاسپىرانتلار چېمپىيونلۇق سىنىپى»غا كىرىش شەرتىنى مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشەپ، ئىجتىمائىي تەسىر كۈچى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان كوللېكتىپ توپ تۈرلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 2003- يىلى ئېلان قىلغان ھۆججىتىگە ئاساسەن، بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسى شۇ يىلدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە بىر قىسىم مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى ۋە تىرېنېرلارنى قوبۇل قىلىپ، تەنتەربىيە كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلغان (يەنى «ئاسپىرانتلار چېمپىيونلۇق سىنىپى»غا قوبۇل قىلغان)، بۇنىڭدىكى ئوقۇشقا كىرىش شەرتلىرىنىڭ بىرى يېقىنقى 2~3 نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىدە (چوقۇم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرلىرى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك) يەككە تۈر چېمپىيونى ۋە كوللېكتىپ تۈر چېمپىيونى (كوللېكتىپ تۈردە ئاساسلىق كوماندا ئەزاسى) بولغان بولۇشتىن ئىبارەت. ھازىر قوبۇل قىلىنغان كۇرسانتلاردىن قارىغاندا، ئاياللار ۋالىبولىدىن سىرت يەنە باشقا كوللېكتىپ توپ تۈرلىرى (ئەرلەر ۋالىبول، ۋاسكېتبول، پۇتبول، چوماق توپ، زەيتۇن توپ، سۇ توپى، مۇز توپ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )نىڭ كۇرسانتلىرى يوق، چۈنكى بۇ تۈرلەردە جۇڭگو كوماندىسىنىڭ دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەمەلىي كۈچ ھازىرلىشى قىيىن. بىراق ئاسىيادىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلەردە، بەزى تۈرلەردە جۇڭگو كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەلىي كۈچىنى ھازىرلىدى.

  بۇ ھەقتە، شيې مىنخاۋ تەكلىپىدە كوللېكتىپ توپ تۈرىدىكى مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر ۋە تىرېنېرلارنى ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا قوبۇل قىلىشتا بىر شەرتنى كۆپەيتىپ، يېقىنقى 2~3 نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە (چوقۇم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك)، كوللېكتىپ توپ تۈرىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەر ( ئاساسلىق كوماندا ئەزالىرى ) ھەمدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن كوماندىنىڭ باش تىرېنېرلىرىنى قوبۇل قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

  شيې مىنخاۋنىڭ قارىشىچە، بۇ تەڭشەش ئاسپىرانتلار چېمپىيونلۇق سىنىپىنىڭ بىرىكمە تىپتىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق ماھارەت تەنتەربىيەسى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتىكى تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىنكى چىقىش يولىنى كېڭەيتكەندىن سىرت، يەنە كوللېكتىپ توپ تۈرى سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ماھارەت تەنتەربىيەسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايدىكەن ھەمدە كوللېكتىپ توپ تۈرىنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىدە كەڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ