خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
ئۆتكەن بىر يىلدىكى ئاساسلىق خىزمەت نەتىجىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى
2022-يىلى پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل بولدى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلتۈرۈلدى.
◊ پۈتۈن بىر يىلدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %3 ئاشتى؛
◊ شەھەر-بازارلاردا 12 مىليون 60 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى؛
◊ ئاھالە ئىستېمال باھاسى %2 ئۆرلىدى؛
◊ ئىشلەپچىقىرىلغان ئاشلىق 1 تىرىليون 370 مىليارد جىڭغا يېتىپ، 7 مىليارد 400 مىليون جىڭ ئاشتى؛
◊ يېڭىدىن كۆپەيگەن باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سوممىسى 1 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، 750 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق باج-ھەق كېچىكتۈرۈلدى؛
◊ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2022-يىللىق دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمى كەچۈرۈم قىلىندى ھەمدە دىرىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىندى؛
◊ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ئىقتىساد مۇقىم ئاشماقتا.
ئۆتكەن بەش يىلدىكى ئاساسلىق خىزمەت نەتىجىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى
◊ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 121 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، بەش يىلدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.2 ئاشتى؛
◊ شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 مىليون 700 مىڭدىن ئاشتى؛
◊ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەتقىقات خىراجىتى سېلىنمىسىنىڭ سىجىللىقى %2.1 تىن %2.5 تىن كۆپرەككە ئۆستۈرۈلدى؛
◊ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تىرانسپورت مۇساپىسى 25 مىڭ كىلومېتىردىن 42 مىڭ كىلومېتىرغا كۆپەيدى، 1 مىليون 250 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ياسالدى ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالدى؛
◊ مال ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.6 ئېشىپ، 40 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئۇدا كۆپ يىل دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى؛
◊ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 140 مىليون ئادەم كۆپىيىپ، 1 مىليارد 50 مىليون كىشىنى قاپلىدى؛
◊ ئاددىي، بىخەتەر، ئېسىل بولغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى؛
◊ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ھەل قىلغۇچ غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى؛
◊ شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 450 يۈەندىن 610 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى؛
◊ دورا ۋە داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك مىقدارلىق سېتىۋېلىش يولغا قويۇلۇپ، تۆۋەنلىتىلگەن خىراجەت يۈكى 400 مىليارد يۈەندىن ئاشتى؛
◊ ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ۋە يانداش قوللاش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى.
2023-يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى ۋە نۇقتىلىق خىزمەت تەكلىپى
◊ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ؛
◊ شەھەر-بازارلاردا 12 مىليون ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.5 ئەتراپىدا بولىدۇ؛
◊ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %3 ئەتراپىدا بولىدۇ؛
◊ ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاساسىي جەھەتتىن ماس قەدەمدە بولىدۇ؛
◊ ئىمپورت-ئېكسپورت مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، خەلقئارا كىرىم-چىقىم ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇلىدۇ؛
◊ ئاشلىق مەھسۇلاتى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلىنىدۇ؛
◊ بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى داۋاملىق تۆۋەنلىتىلىدۇ؛
◊ ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ؛
◊ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى كۆپ يوللار بىلەن ئاشۇرۇلىدۇ؛
◊ تاشقى مەبلەغنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛
◊ ئەلا سۈپەتلىك باشلامچى ئۆي-زېمىن كارخانىلىرى خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىنىپ ۋە پەسەيتىلىپ، مۈلۈك-قەرز ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، تەرتىپسىز كېڭىيىشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، ئۆي-زېمىن كەسپىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛
◊ قاتتىق تۇرالغۇ ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قوللاپ، يېڭى شەھەر ئاھالىسى، ياشلارنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسى ياخشى ھەل قىلىنىدۇ؛
◊ كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئالىي مائارىپتا يېڭىلىق يارىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛
◊ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى كېڭەيتىش، ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈش ۋە رايونلارنىڭ تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى