3-ئاينىڭ 5-كۈنى زۇڭلى لى كېچياڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، موھىم نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. ئۆتكەن بىر يىللىق ۋە بەش يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەرئۆتكەن بىر يىلدا:
پۈتۈن يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %3 ئاشتى
پۈتۈن بىر يىلدا توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە قالدۇرۇلغان قوشۇلما قىممەت بېجىدىن قايتۇرۇلغان باج 2 تىرىليون 400 مىليارد يۈەندىن ئاشتى
نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىنىڭ ئىشلەمچىلىككە چىقىش كۈلىمى 32 مىليوندىن ئاشتى
ئۆتكەن بەش يىلدا:
ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 121 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، بەش يىلدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.2 ئاشتى
ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۇدا نەچچە يىل 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن ئاشتى
شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 مىليون 700 مىڭدىن ئاشتى
سەككىز يىل داۋاملىق تىرىشىش ئارقىلىق، يېزىلاردىكى 100 مىليونغا يېقىن نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى
2. بۇ يىل تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانىئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇششەھەر - بازارلاردا 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئېشىش ھەجمى %3 ئەتراپىدا بولۇشئاشلىق مەھسۇلاتىدا 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاش
3. بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدىكى تەكلىپ مالىيە: ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش. قىزىل رەقەم نىسبىتىنى %2.8 ئەتراپىدا ئورۇنلاشتۇرۇش
باج - ھەقتە ئېتىبار بېرىش: ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، باج قايتۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەردىن داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەلالاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش: ياشلار، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى - تىزگىنلەش: ۋاكسىنىنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش، دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش
ئىستېمال: كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تۇرمۇش مۇلازىمىتى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش
ھۆكۈمەت سېلىنمىسى: بۇ يىل يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومىدىن 3 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇش
ياسىمىچىلىق نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى: ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچ بىرلىكىدە ئىلگىرى سۈرۈش
رەقەملىك ئىقتىساد: دائىملىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش
پۇقراۋى ئىگىلىك: پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە كارخانىچىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش
تاشقى مەبلەغنى كىرگۈزۈش: تاشقى مەبلەغدىكى بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش
ئېغىر، زور ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش: ئەلا سۈپەتلىك باشلامچى ئۆي - مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، مۈلۈك قەرز ئەھۋالىنى ياخشىلاش. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، قەرز مۇددىتى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش: يېزا - كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش
يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش: نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىش
تۇرالغۇ: ئاھالىنىڭ زۆرۈر ۋە ياخشىلانغان تۇرالغۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قوللاپ، يېڭى شەھەر ئاھالىسى ۋە ياشلارنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش
مائارىپ: مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا ۋە شەھەر - يېزىلار ئارا بىر گەۋدىلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش
داۋالىنىش: ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ سىغىمنى كېڭەيتىپ تۆۋەنگە يۈزلىنىشى ۋە رايونلار ئارا تەكشى جايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش
ئىجتىمائىي كاپالەت: كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تۇغۇتقا مەدەت بېرىش سىياسىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەش تۈرۈش
شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى: شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قوللاش
تەيۋەن مەسىلىسى: «مۇستەقىللىق» كە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش
مەنبە: خەلق تورى