14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى
چۈشتىن بۇرۇن
سائەت 9 دا خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ.
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ
گوۋۇيۈەننىڭ 2022-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، 2023-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە 2023-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ
گوۋۇيۈەننىڭ 2022-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، 2023-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەم 2023- يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ
13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېننىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ
يىغىننىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ
يىغىننىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسىنىڭ لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى بىلەن مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى نامزاتىدىن ئىبارەت ئىككى ئىسىملىك لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ.
چۈشتىن كېيىن
ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىدۇ.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى
چۈشتىن بۇرۇن
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىغا قاتنىشىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلايدۇ
چۈشتىن كېيىن
گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىدۇ.
سائەت 3 دە خەلق سارىيىنىڭ 3-قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك زالدا دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ رەئىسلىرى ۋە مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىرى يىغىنغا قاتنىشىدۇ ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى