مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە ئاساسىي قاتلام ئاممىسى خېلى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ

2023.03.05 11:29 مەنبە: خەلق تورى

  14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ يىغىن باياناتچىسى ۋاڭ چاۋ مۇنداق دېدى:«جۇڭگونىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە، ھەر بىر رايون، ھەر بىر كەسىپ، ھەر بىر ساھە ھەمدە ھەربىر مىللەتنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بار. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما خېلى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. مەسىلەن، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 مىليون 620 مىڭدىن ئارتۇق ۋەكىلى ئىچىدە، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى، دېھقان، كەسپىي تېخنىكا خادىمى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %52.53 ، يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %76.75 بولغان. 14ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2977 ۋەكىلى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىلى 442 بولۇپ، ۋەكىللەر ئومۇمىي سانىنىڭ %14.85ىنى ئىگىلەيدۇ، شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە 55 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ۋەكىلى بار؛ ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىن ۋەكىلىلەر 42؛ ئاياللار ۋەكىلى 790 بولۇپ، ۋەكىللەر ئومۇمىي سانىنىڭ %26.54 ىنى ئىگىلەيدۇ؛ بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلار، دېھقانلار ۋەكىلى 497 بولۇپ، ۋەكىللەر ئومومىي سانىنىڭ %16.69 ىنى ئىگىلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ