مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈن تەرتىپ ئېلان قىلىندى

2023.03.05 00:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 16 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە باشلاندى، يىغىننىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گو ۋېيمىن جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ ۋاقتى يەتتە يېرىم كۈن

  يىغىننىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گو ۋېيمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن يېپىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى يەتتە يېرىم كۈن.

  گو ۋېيمىن بۇ قېتىمقى سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرىنى ئېلان قىلدى

  يىغىننىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گو ۋېيمىن مۇنداق دېدى: يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى تۆۋەندىكىچە: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلاش ۋە مۇزاكىرە قىلىش؛ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى قاتارلىق قارار ۋە دوكلاتلارغا قاراپ چىقىپ ماقۇللاش؛ سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنى سايلاش.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا ئېچىلىش، يېپىلىش يىغىنى ۋە ئىككى قېتىملىق يىغىندا سۆز قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ

  يىغىننىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گو ۋېيمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە، ئېچىلىش يىغىنى، يېپىلىش يىغىنى ۋە ئىككى قېتىملىق يىغىندا سۆز قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، سەككىز قېتىملىق گۇرۇپپا يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئېچىلىش يىغىنى، يېپىلىش يىغىنىنى چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى سىرتتىن ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ھازىر يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتتى.

  جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتى پائال مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىدۇ

  يىغىننىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گو ۋېيمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن باشقا، يەنە بىر مەيدان مۇخبىرلار يىغىنى، ئۈچ مەيدان «ئەزالار يولى» زىيارەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ نەق مەيدان، تور، سىن، تېلېفون زىيارىتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، سىياسىي كېڭەش يىغىنىنى خەۋەر قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، ئەزالار تۇرۇشلۇق جايلاردا تور سىن زىيارەتخانىسى داۋاملىق تەسىس قىلىندى، يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئاخبارات گۇرۇپپىسى، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئاخبارات ئالاقىچىلىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى پائال مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگان تورى ئاخبارات مەركىزى يىغىننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئاساسلىق ھۆججەت ۋە ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ، كۆپچىلىك ۋاقتىدا دىققەت قىلغايسىلەر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ