ئىككى يىغىن توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىڭىز قانچىلىك؟ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ قايسى ئىككى يىغىن ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
بىز دائىم دەيدىغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى» ۋە «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى» نى كۆرسىتىدۇ. ئىككى يىغىن ئاساسەن ئوخشاش ۋاقىتتا ئېچىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىدە ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا، قىسقارتىلىپ ئىككى يىغىن دەپ ئاتالغان. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى ئېچىش دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى ئىنتايىن چوڭ ئىش، يىغىننىڭ ھەر بىر قارالمىسى ۋە تېمىسى كۆپچىلىكنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا مۇھىم ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يېقىندا ئېچىلىدىغىنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 1- يىغىنى بولۇپ، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېچىلىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بېيجىڭغا جەم بولۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىدۇ.
قېنى، ھەممىمىز بىرلىكتە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا نەزەر سالايلى!
فىلىم ئىشلىگۈچى ئورۇن: خەلق تورى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاخبارات تورى
فىلىم نازارەتچىلىرى: چىن خۇا، دېڭ جىخۇي
پىلانلىغۇچىلار: سۇڭ چېن، مەلىكەم
ئوپېراتورلار: شۈ جېڭ
مونتاژ: ماناپ
رىياسەتچى: گۈلباھار ئەلى ( مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى )
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى