مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

زەھەر ئەتكەسچىلىرى «تەلۋىلەشتى»، ئۇلار 30 نەچچە مېتىر سۆرەلدى

2023.02.15 14:52 مەنبە: خەلق تورى

  زوڭزايتىپ ساقلىتىش، قولغا ئېلىش، ئۇچقاندەك ئاپتوموبىل ھەيدەش... زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ياردەمچى ساقچى رولنى باتۇرلۇق بىلەن تارتىۋالدى، زەھەر ئەتكەسچىلىرى ماي كلاپانىنى بولۇشىغا دەسسەپ ياردەمچى ساقچىنى 30 نەچچە مېتىر سۆرەپ ماڭدى ... بۇ كىنو كۆرۈنۈشى ئەمەس بەلكى خۇبېي شياۋگەندىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى تۇتۇش نەق مەيدانى.

  2-ئاينىڭ 1-كۈنى، شياۋگەن رايونىدىكى ئامما بىر ئادەمنىڭ شياۋنەن رايونى شىنخۇا كوچىسىدىكى مەلۇم مېھمانخانىنىڭ ياتىقىدا زەھەر چېكىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان، شياۋنەن شۆبە ئىدارىسى شىنخۇا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى لاۋۋاڭ، ياردەمچى ساقچى شياۋلى ۋە خىزمەتداشلىرى دەرھال ئاتلاندى، ساقچىلار زەھەر چەككۈچى گۇماندارنى تۇتقاندا، زەھەر ئەتكەسچىسى لى × × نىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن، دېلو بىجىرىشكە چىققان ياردەمچى ساقچى يېقىن ئەتراپتا 20 مىنۇت كۆزەتكەندىن كېيىن، نىشان قىلىنغان ئاپتوموبىل پەيدا بولغان بولسىمۇ، جىنايەت گۇماندارى ناھايىتى ھوشيار بولۇپ، ئوتنى ئۆچۈرمىگەن، ئاپتوموبىلدىن چۈشمىگەن، ساقچى لاۋ ۋاڭ جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئاپتوموبىل ئەينىكىنى ئاچقانلىقىنى بايقاپ، كەسكىن تۇتۇش قىلىپ، زەھەر ئەتكەسچىسى لى × × نىڭ تەييارلىقسىز تۇرغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، سول قولىدا جىنايەت گۇماندارىنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ، ئوڭ قولىدا ئاپتوموبىل ئىشىكىنىڭ تۇتقۇچىنى تارتىپ سالاھىيىتىنى بىلدۈرمەكچى بولغان ھەمدە ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ ماسلىشىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن جىنايەت گۇماندارى ماي كلاپانىنى دەسسەپ قېچىپ كەتكەن، ياردەمچى ساقچى شياۋ لى بەش مېتىر ئەتراپىدا سۆرىلىپ يەرگە دومىلاپ چۈشكەن، خەتەرلىك پەيتتە خەلق ساقچىسى لاۋ ۋاڭ رولنى تۇتۇپ ئاپتوموبىل ئىچىگە كىرمەكچى بولغان، لېكىن جىنايەت گۇماندارى توختىماي سۈرئەتنى تېزلىتىپ، خەلق ساقچىسىنى 30 نەچچە مېتىر سۆرەپ ماڭغان، ئاخىرىدا ماغدۇرى يەتمەي، يول يۈزىگە قاڭقىپ چىقىپ كەتكەن، خەلق ساقچىسى لاۋ ۋاڭنىڭ باش قىسمى ۋە بەدىنىنىڭ كۆپ يېرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان، دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بەختكە يارىشا چوڭ چاتاق چىقمىغان، ئۇ: «يەنە بىر قېتىم كەلگەن تەقدىردىمۇ، مەن يەنىلا رولنى تارتىۋالىمەن، زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ كۆز ئالدىمدىن قېچىپ كېتىشىگە يول قويالمايمەن» دېدى.

  10ـ چېسلا، جىنايەت گۇماندارى لى xx دېلو سادىر قىلىپ قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى، ھازىر دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رازۋېدكا قىلىنىۋاتىدۇ، زەھەر ئەتكەسچىلىرى «تەلۋىلەشكەن» بولسىمۇ، ساقچىلار ھەرگىز چېكىنمەيدۇ، زەھەرگە قەتئىي يول قويمايدۇ، بۇ ئۆزىمىزنى ئاسرىغانلىق، شۇنداقلا زەھەر چەكلەش ساقچىلىرىنى ئەڭ ياخشى قوغدىغانلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ