مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەتقىقاتچىلار D3 بېسىش تېخنىكىسى ۋە غول ھۈجەيرىدىن پايدىلىنىپ كۆز توقۇلمىسى ياسىدى

2022.12.30 16:08 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت سەھىيە تەتقىقات يۇرتى قارىمىقىدىكى دۆلەت كۆز كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى كېسەلنىڭ غول ھۈجەيرىسى ۋە D3 بىئولوگىيەلىك بېسىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ نۇر سېزىدىغان كۆز توقۇلمىسىنى ياساپ چىقتى. بۇ تېخنىكا ياشانغانلاردىكى سېرىق داغنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق چېكىنىش خاراكتېرلىك كۆز كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىشنى مودېل بىلەن تەمىنلەپ، كىشىلەرنىڭ ئەمالىقنى پەيدا قىلىدىغان كېسەللىك مېخانىزمىغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


  بۇ 2016-يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 2016-يىللىق لاسۋىگاس ئىستېمال ئېلېكتىرون كۆرگەزمىسىدە سۈرەتكە تارتىلغان جۇڭگو شىركىتى بازارغا سالغان كۆرۈنمە كۆز ئاسراش ئەسۋابى بولۇپ، بۇ ئەسۋابنى ئىشلەتكۈچىلەر كۆز ئاسراش ئۈچۈن ئۇۋىلاش مەشغۇلاتى قىلغاندا، ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئاچتۇرالايدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ لېي فوتوسى


  بۇ تەتقىقات ئورنىدىكى دوكتور كاپىل بارتى مۇنداق دېگەن: «بىز ياشانغانلاردىكى سېرىق داغنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ قان - كۆرۈش تور پەردىسى سىرتىدىكى توسۇقتىن باشلانغانلىقىنى بىلىمىز. ھالبۇكى، فىزىيولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئادەم بەدىنى مودېلى كەمچىل بولغانلىقتىن، قېرىلىق سېرىق دېغى ئۆزگىرىشىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىپ ئاخىرقى باسقۇچقا يەتكەندىكى مېخانىزمى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمىز يەنىلا ئىنتايىن ئاز».


  قان-كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ سىرتقى توسۇقى كۆرۈش تور پەردىسى پىگمېنتلىق ئېپىتېلىيىسىدىن تەركىب تاپقان، ئۇ كۆرۈش تور پەردىسى بىلەن تومۇرلۇق پەردىنىڭ يۈزى بولۇپ، بىراچ پەردىسى بىلەن تومۇرلۇق پەردىنىڭ قىل قان تومۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياشانغانلاردىكى سېرىق داغنىڭ ئۆزگىرىشىدە، ياغ ئاقسىلى چۆكۈندىلىرى بىراچ پەردىسىنىڭ سىرتىدا شەكىللىنىپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، كۆرۈش تور پەردىسى پىگمېنتىنىڭ ئېپىتېلىيىسى پارچىلىنىپ، نۇر رېتسېپتورىنىڭ چېكىنىشى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياشانغانلاردىكى سېرىق داغنىڭ ئۆزگىرىشى 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى كىشىلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن مەھرۇم قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.


  تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توقۇلما ئانالىزى، ئىرسىيەت ۋە ئىقتىدار سىنىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل D3 بېسىش توقۇلمىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ۋە ھەرىكىتى تەبىئىي قان-كۆرۈش تور پەردىسى سىرتقى توسۇقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئىندۇكسىيەلىك سېزىمچانلىقتا بېسىپ چىقىرىلغان توقۇلمىلاردا دەسلەپكى قېرىلىق سېرىق دېغىنىڭ ئۆزگىرىش ئەندىزىسى نامايان بولۇپ، ئاخىرقى باسقۇچقا تەرەققىي قىلىدۇ.


  ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىلەر ئەنگلىيەنىڭ «تەبىئەت.مېتودولوگىيە» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلىندى. تەتقىقاتچىلار بېسىش جەريانىدا ئارتۇقچە ھۈجەيرە تىپىنى قوشۇش، مەسىلەن، ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرە قوشۇش ئارقىلىق ئىپتىدائىي توقۇلمىلارنى تېخىمۇ ياخشى قايتا پەيدا بولۇشىنى سىناق قىلماقتا.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ