2022- يىل 12- ئاينىڭ 29- كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت ئېچىپ، جياڭشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى شياۋ يىنىڭ پارا ئېلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش دېلوسىنى قاراپ چىقتى. خاڭجوۋ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئادەم ئەۋەتىپ سوتقا چىقىپ ئەيىبلىدى، جاۋابكار شياۋ يى ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى.
خاڭجوۋ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: 2008-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، جاۋابكار شياۋ يى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جياڭشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى، جياڭشى ئۆلكىسى فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، جياڭشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، تۈر ئېچىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بېرىپ، قانۇنسىز قوبۇل قىلغان مال-مۈلۈك جەمئىي 125 مىليون يۈەنگە سۇندۇرۇلدى؛ 2017-يىلىدىن 2021- يىلىغىچە، شياۋ يى فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان مەزگىلدە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەۋھۇم پۇل ھېسابلاش ئىشلەپچىقىرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارغا مالىيە تولۇقلىمىسى، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىمىگە خىلاپ ياردەم بېرىپ، ئۇمۇمنىڭ مال-مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان.
سوتتا، ئەيىبلىگۈچى ئورگان ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار شياۋ يى ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى ئىسپاتلارنى كۆرۈپ چىقتى، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، شياۋ يى ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلدى ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەڭ ئاخىرىدا سوت سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە ھەر ساھە ئاممىسىدىن بولۇپ 20 دىن ئارتۇق كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ