مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يىنچۈەن-لەنجوۋ تېز پويىزىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدە قاتناش باشلاندى، يىنچۈەندىن لەنجوۋغا 3 سائەتتە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ

2022.12.30 16:04 مەنبە: خەلق تورى

  بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، D8937 قېتىملىق «ئىناق» ناملىق ئوق پويىز يىنچۈەن ۋوگزالىدىن ئاستا-ئاستا قوزغىلىپ، لەنجوۋ غەربىي ۋوگزالىغا قاراپ ماڭدى، بۇ يىنچۈەن-لەنجوۋ تېز پويىزى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ يىن-لەن تېز پويىزى دېيىلىدۇ) نىڭ جۇڭۋېيدىن لەنجوۋغىچە بولغان بۆلىكىدە قاتناش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، يىنچۈەن-لەنجوۋ تېز پويىزىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدە قاتناش باشلاندى، يىنچۈەندىن لەنجوۋغا ئەڭ تېز بولغاندا ئىككى سائەت 56 مىنۇتتا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.


  يىن-لەن تېز پويىزى ئېلىمىزنىڭ «ھەممە تەرەپكە تۇتاشقان» تېز پويىز تورىنىڭ بېيجىڭدىن لەنجوۋغا بارىدىغان يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 431 كىلومېتىر بولۇپ، ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە يىنچۈەندىن جۇڭۋېيغىچە بولغان بۆلىكىدە 2019-يىل 12-ئاينىڭ 29-كۈنى قاتناش باشلانغان. بۇ قېتىم قاتناش باشلانغان جۇڭۋېيدىن لەنجوۋغىچە بولغان بۆلىكى جۇڭۋېي جەنۇبىي ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ جۇڭۋېي شەھىرى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ بەييىن شەھىرى، لەنجوۋ شەھىرىدىن ئۆتۈپ، لەنجوۋ-شىنجاڭ تېز پويىزىنىڭ لەنجوۋ غەربىي ۋوگزالىغا تۇتىشىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 219 كىلومېتىر، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 250 كىلومېتىر. پۈتۈن لىنىيەدە جۇڭۋېي جەنۇبىي ۋوگزالى، بېيتەن ۋوگزالى، پىڭچۈەن غەربىي ۋوگزالى، جىڭيۈەن شىمالىي ۋوگزالى، بەييىن جەنۇبىي ۋوگزالى، چىنۋاڭچۈەن ۋوگزالى، لەنجوۋ غەربىي ۋوگزالىدىن ئىبارەت يەتتە ۋوگزال تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭ پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ يۈرۈشتۈرۈلۈشى گەنسۇ، نىڭشيا قاتارلىق ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونىنىڭ يول تورى قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، لىنىيە بويىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا زور قولايلىق يارىتىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


  ئىگىلىنىشىچە، يىن-لەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ جۇڭۋېيدىن لەنجوۋغىچە بولغان بۆلىكى كۆپىنچە نەم سېرىق توپىلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، يەر شەكلى، گېئولوگىيەلىك شارائىتى مۇرەككەپ ئىكەن. 2017-يىل 6-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان، دۆلەت تۆمۈر يول گۇرۇھى قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ھەر قايسى ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، قۇرۇلۇشنى بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئىلمىي، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ خىل گېئولوگىيەلىك خېيىم-خەتەرنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، تاشقى جىنىسلارنىڭ سۇغا يولۇققاندا يۇمشاپ كېتىشىدەك دۇنياۋى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، پۈتۈن لىنىيەنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە پۇختا ئاساس سالدى.
قاتناش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، تۆمۈر يول تارماقلىرى كۈندىلىك لىنىيە، ھەپتە ئاخىرى لىنىيەسى، يۇقىرى پەللە لىنىيەسى بويىچە يىنچۈەندىن لەنجوۋغا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ھەر كۈنى قاتنايدىغان ئوق پويىز ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 جۈپكە يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە لەنجوۋدىن يىنچۈەنگە تۆت جۈپ، لەنجوۋدىن جۇڭۋېيغا بىر جۈپ، لەنجوۋدىن يىنچۈەن، جۇڭۋېيغا ئەڭ تېز بولغاندا ئىككى سائەت 56 مىنۇت، بىر سائەت 42 مىنۇتتا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. قاتناش باشلىنىشتىن ئىلگىرىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5 سائەت 26 مىنۇت، 4 سائەت 04 مىنۇت قىسقاردى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ