مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالغان پارا سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان تۇرۇقلۇق بارىلىق جىنايىتىدىن تېنىۋالغان! ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىندى

2022.12.30 16:01 مەنبە: خەلق تورى

  2022-يىل 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى زىبو شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يىراق مۇساپىلىك سىن سىستېمىسى ئارقىلىق، 1-سوتتا شەندۇڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، نوپۇس-بايلىق-مۇھىت كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى جېڭ جىنلەننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكار جېڭ جىنلەنگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەم بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بەردى. ئەنگە ئېلىنغان زاڭ پۇل، زاڭ ماللاردىن پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىلغان، قايتۇرۇۋېلىنغانلىرى قانۇن بويىچە يىغىۋېلىنىپ دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ؛ يەتمىگەن قىسمى ۋە تۇغۇندىسى داۋاملىق قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ..


  سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، 2004-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، جاۋابكار جېڭ جىنلەن ۋېيفاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك گېئولوگىيە-قېزىلما بايلىقلارنى تەكشۈرۈش-ئېچىش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ زاۋۇت ئۆيلىرىنى كۆچۈرۈش، كان ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، كارخانا تىجارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بەرگەن. بىۋاسىتە ياكى تۇغقانلىرى ئارقىلىق قوبۇل قىلغان يۇقىرىقى ئورۇن ۋە شەخسلەر بەرگەن مال-مۈلۈكنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 10 مىليون 923 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.


  سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار جېڭ جىنلەن دۆلەت خادىمى تۇرۇپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، سوممىسى پەۋقۇلاددە كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللەنگەن. جاۋابكار جېڭ جىنلەن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، دېلو بېجىرگۈچى ئورگان ئىگىلىمىگەن كۆپ قىسىم پارا ئېلىش جىنايەت پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇپ، بىر قىسىم زاڭ پۇلنى پائال قايتۇرغان، لېكىن سوتتا ئومۇميۈزلۈك تېنىۋالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىم زاڭ پۇلنى چەت ئەلگە يۆتكەپ تېخىچە قايتۇرمىغان، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقان. جاۋابكار جېڭ جىنلەننىڭ جىنايەت پاكىتى، جىنايەت خاراكتېرى، قىلمىشى ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن زىيىنىنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم چىقىرىلدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ