مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2022-يىلى ئېلىمىزنىڭ ماھارەت تەنتەربىيەسى نەتىجىسى ئەلا بولدى (يېڭى سانلىق مەلۇمات، يېڭى يارقىن نۇقتا)

93 تۈردە دۇنيا چېمپىيونى بولۇپ، 11 تۈردە دۇنيا رېكورتى يارىتىلدى

2022.12.30 00:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ماھارەت تەنتەربىيەسى مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2022-يىلى ئېلىمىزنىڭ ماھارەت تەنتەربىيەسى نەتىجىسى ئەلا بولۇپ، جەمئىي 21 تۈردە 93 قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، 11 تۈردە دۇنيا رېكورتى يارىتىلغان.

  بۇ چېمپىيونلار: تېز مۇز تېيىلىشتا بىر قېتىم، قىسقا ئارىلىقتا تېز تېيىلىشتا ئىككى قېتىم، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىشتا بىر قېتىم، ئەركىن قار تېيىلىشتا تۆت قېتىم، يەككە تاختىدا قار تېيىلىشتا بىر قېتىم، قارىغا ئېتىشتا 12 قېتىم، مۇسابىقە قېيىقىدا بىر قېتىم، تۇلۇم قولۋاق بىلەن تىنچ سۇ تېيىلىشتا بىر قېتىم، ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتە 19 قېتىم، تەيچۈەنداۋدا ئىككى قېتىم، يېنىك ئاتلېتىكىدا تۆت قېتىم، سۇ ئۈزۈشتە بىر قېتىم، سۇغا سەكرەشتە 21 قېتىم، فىگۇرا چىقىرىپ سۇ ئۈزۈشتە تۆت قېتىم، گىمناستىكىدا ئۈچ قېتىم، تىرامپولىندا بىر قېتىم، تىكتاك توپتا ئىككى قېتىم، پەي توپتا ئىككى قېتىم، شاھماتتە ئىككى قېتىم، خەلقئارا شاھماتتە بىر قېتىم، پالاقلىق سۇ ئۈزۈشتە سەككىز قېتىم چېمپىيون بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئولىمپىك تۈرى بويىچە دۇنيا چېمپىيونى 51، ئولىمپىك تۈرى بولمىغان تۈرلەر بويىچە دۇنيا چېمپىيونى 42 بولغان.

  قارىغا ئېتىش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ۋە سۇ ئۈزۈش تۈرلىرىدە جەمئىي يەتتە ئادەم، تۆت كوماندا 11 قېتىم 11 تۈردە دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرىدە تۆت ئادەم، بىر كوماندا بەش قېتىم بەش تۈردە دۇنيا رېكورتىنى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرى بولمىغان تۈردە ئۈچ ئادەم ئۈچ كوماندا ئالتە قېتىم ئالتە تۈردە دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى.

  ماھارەت تەنتەربىيەسى ساھەسىدە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىز 3748 قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، 1374 قېتىم دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى؛ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىز 3724 قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، 1200 قېتىم دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى.

  دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ماھارەت تەنتەربىيەسى مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2022-يىلى ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىلىرى ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق خەلقئارا مۇھىم، زور مۇسابىقىلەردە تەنھەرىكەت نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكتىن قوش مول ھوسۇل ئېلىپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ