مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گەن رۇڭكۇننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا بىرىنچى سوت ئېچىلدى!

2022.12.23 15:44 مەنبە: خەلق تورى

   2022-يىل 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1ـ سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى گەن رۇڭكۇننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى قاراپ چىقتى.


  جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجوۋ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىمىسى: 1999-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، جاۋابكار گەن رۇڭكۇن تاموژنا باش مەھكىمىسى مالىيە پەن-تېخنىكا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مالىيە جابدۇق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاساسىي قۇرۇلۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، بېيجىڭ تاموژنىسىنىڭ باشلىقى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىق ۋە خىزمەت ھوقۇقى، ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، كارخانا تىجارىتى، دېلونى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بەرگەن. قانۇنسىز قوبۇل قىلغان مال-مۈلۈك جەمئىي 166 مىليون يۈەنگە سۇندۇرۇلدى. تەپتىش ئورگانلىرى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن گەن روڭكۈننىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلدى.


  سوتتا، ئەيىبلىگۈچى ئورگان مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار گەن رۇڭكۇن بىلەن ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى يۈزلەشتۈرۈلدى، ئەيىبلىگۈچى-ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، گەن رۇڭكۇن ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلدى ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلدى.


  سوت ئاخىرىدا، سوت سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ھەر ساھە ئاممىسىدىن بولۇپ 10 دىن ئارتۇق كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ