جۇڭگو شياڭگاڭنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي بەلگىسى تەدبىرى ئۈستىدىن دەۋا قىلغان دۇنيا سودا تالاش-تارتىشى دېلوسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى 21-چېسلا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا يولغا قويغان ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي بەلگىسى تەدبىرى بەلگىلىمىسى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە خىلاپ، دەپ كېسىم چىقاردى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 22-چېسلادىكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكىنى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ كېسىمىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ خاتا ئۇسۇلنى تۈزىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ.
ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئادىل قارارىنى قارشى ئالىدۇ. شياڭگاڭنىڭ مۇستەقىل تاموژنا بېجى رايونى بولۇش ئورنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاساسلىق قانۇنى» ئارقىلىق ئېتىراپ قىلىنىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كۆپ تەرەپلىك قائىدىسى ئارقىلىق بېكىتىلگەن، مەلۇم بىر ئەزادىن بېرىلگەن مۇستەقىل ھوقۇق ئەمەس.
ماۋنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۇقۇمىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشى ھەم دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە خىلاپ ھەم ئۆز مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. جۇڭگو ئامېرىكىنى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ كېسىمىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ خاتا ئۇسۇلنى تۈزىتىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى، نورمال خەلقارا سودا تەرتىپىنى قوغداشقا دەۋەت قىلىدۇ.
ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: «بىز <بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش› فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمىز، تاشقى كۈچلەرنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، شياڭگاڭنىڭ مۇستەقىل تاموژنا بېجى رايونى ئورنىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايمىز، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، سۇ تىرانسپورتى، سودا مەركىزىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىشى ۋە ئۆستۈرۈشىنى قەتئىي قوللايمىز.»
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ