مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بۇ شەرتكە يەتسە، يۇقۇمچانلىقى يوق دەپ قاراشقا بولىدۇ

2022.12.20 23:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئانتىگېن تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولسىلا ساقايغان بولامدۇ؟ قاچان ئىش ئورنىغا قايتىپ خىزمەت قىلىشقا بولىدۇ؟ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى قىلىشقا بولامدۇ؟ پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ يوۋئەن دوختۇرخانىسى يۇقۇملىنىش ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى دۇڭزېڭ يېقىندا: ئۇدا ئۈچ كۈن ئانتىگېننى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولغاندا، يۇقۇمچانلىقى يوق دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەن-كەلمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا، لى دۇڭزېڭ ئۆزىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىكلىدىمۇ-يوق، شۇنداقلا تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىيلەشتىمۇ-يوق، دېگەندىن ئىبارەت ئىككى ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەگەر يېنىك تىپتىكى بىمارلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورماللىشىپ ئۈچ كۈندىن ئاشقان ھەمدە نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى ياخشىلانغان بولسا، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئەگەر ئادەتتىكى ياكى كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بىمارلار بولسا، كۆكرەك قىسمىنى CT بىلەن قايتا تەكشۈرۈتۈش كېرەك. تەكشۈرۈش جەھەتتە، ئەگەر يادرو كىسلاتاسىنى ئۆلچىگىلى بولسا 24 سائەت ئارىلىق تاشلاپ، ئىككى قېتىملىق يادرو كىسلاتاسى نەتىجىسى مەنپىي بولغاندا، يۇقۇمچانلىقى يوق دەپ قاراشقا بولىدۇ؛ ئەگەر يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قولايسىز بولغاندا، لى دۇڭزېڭ ئۇدا ئۈچ كۈن ئانتىگېن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلدى، ئەگەر ئۈچ كۈنلۈك ئانتىگېن نەتىجىسىنىڭ ھەممىسى مەنپىي بولسا، يۇقۇمچانلىقى يوق دەپ قاراشقا بولىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بىر-ئىككى ھەپتە ئىچىدە، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر يەنىلا ئاسان چارچايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، كۈندىلىك خىزمەت ۋە جىسمانىي ھەرىكەت جەھەتتە، ئاستا-ئاستا كۆپەيتىشكە دىققەت قىلىش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ھەرگىز زىيادە چارچاپ كەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېخىمۇ ئاستا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ