مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شياۋ ياچىڭ پارتىيەدىن قوغلاندى، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

2022.12.20 15:21 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مىنىستىرى شياۋ ياچىڭنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.


  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شياۋ ياچىڭنىڭ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچىدىن يۈز ئۆرۈپ، سىياسىي ئېڭى ۋە پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى يوقىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى كۆزگە ئىلماي، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتكە قاتناشقانلىقى؛ قانۇن- ئىنتىزامنىڭ تۆۋەن چېكى يوقىتىپ، پاكلىقنى ساقلاشتىن ۋاز كېچىپ، باشقىلارنىڭ كۆپ سوممىدىكى پۇلىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئېنىقلانغان.


  شياۋ ياچىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى ۋە پاكلىق ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ھەمدە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغان، خاراكتېرى ئېغىر، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك. شياۋ ياچىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتىنى ئەينەن چۈشەندۈرۈپ، خاتالىقىنى تونۇپ پۇشايمان قىلىپ، قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتىنى تولۇق قايتۇردى، ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئۇنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىشى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شياۋ ياچىڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قېلىندى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىشنى، 1-دەرىجىلىك مۇدىر بۆلۈم ئەزاسىغا چۈشۈرۈپ، پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى قارار قىلدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ