مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن رېئاكتىپ يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم چەت ئەل بازىرىغا كىردى

2022.12.20 15:16 مەنبە: خەلق تورى

  12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە رېئاكتىپ تارماق لىنىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى ARJ21 چەت ئەللىك تۇنجى خېرىدار ھىندونېزىيە ترانسنۇسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى (TransNusa) گە رەسمىي تاپشۇرۇلدى، بۇ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن رېئاكتىپ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەل بازىرىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.


  بۇ قېتىم ترانسنۇسا ئاۋىئاتسىيەسىگە تاپشۇرۇلغان ARJ21 تىپلىق ئايروپىلانغا 95 ئورۇنلۇق ئەرزان باھالىق بۆلۈمچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۆلۈمچىنىڭ ئىچكى بېزىكى، ئورۇندۇقى ۋە سىرتىنى سىرلاپ بېزەش قاتارلىقلار زاكاز بېرىپ ياسىتىلغان.


  جۇڭگو شاڭفېي شىركىتى ترانسنۇسا ئاۋىياتسىيەسىنى پۈتۈن دەۋرىيلىك بويىچە خېرىدارلار مۇلازىمىتى ۋە مەشغۇلاتى بىلەن تەمىنلەپ، ARJ21 ئايروپىلانىنىڭ بىخەتەر، راۋان يۈرۈشۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ