مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گۇاڭدۇڭدىكى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تاشقى سودا ھۆددە ئايروپىلانى دۇبەيگە قاراپ ئۇچتى

2022.12.20 15:15 مەنبە: خەلق تورى

  12-ئاينىڭ 17-كۈنى، 150 تىن ئارتۇق ئۆي جاھازلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك قاتارلىق ساھەلەردىن كەلگەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن جەمئىي 270 كىشى جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CZ5069 «يەر شارىۋى گۇاڭدۇڭ سودىسى» ھۆددە ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، 12-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 13ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى) سودا كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى. بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بوئىن 787 تىپلىق ئايروپىلانى ئۈستىگە ئالغان، ئىگىلىنىشىچە، بۇ بۇ يىل دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئۆمەك ئىكەن.


  «يەرشارىۋى گۇاڭدۇڭ سودىسى» ماركا قۇرۇلۇشى گۇاڭدۇڭنىڭ «سودىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش» تىكى ئون چوڭ قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر يىلى 100 مەيداندىن ئارتۇق كۆرگەزمىنى توردا ۋە تور سىرتىدا ئۆتكۈزۈپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنى كۆرگەزمىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلەيدۇ. بۇ يىل 4-پەسىلدىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت «يەر شارىۋى گۇاڭدۇڭ سودىسى» يۈرۈشلۈك ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىش شەكلى ئارقىلىق جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى بىر تۇتاش توشۇشنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ مۇھىم يەرمەنكىلەرگە قاتنىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن قولتۇق رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم بەردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 10-،11-ئايدا ئىككى قېتىملىق «يەر شارىۋى گۇاڭدۇڭ سودىسى» توشۇش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ئالاقىدار كارخانىلاردىن 239 خادىمنى ئېلىپ مالايسىيا ۋە سىنگاپورغا كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا بارغان.


  كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى مىئورېنت خەلقئارا كۆرگەزمە چەكلىك شىركىتىنىڭ تاشقى ھەمكارلىق باش دىرېكتورى جاڭ مىنچىڭ مۇنداق دېدى: «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىدىن ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىشنى ۋاقتىدا تەشكىللەپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن قولتۇق رايونىدىكى كارخانىلارنى دۇبەيگە بېرىپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، بازارنى پائال ئېچىپ، رايون ۋە دۇنيا ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى، يەنە يۇقۇمدىن دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلەندى ۋە تىزگىنلىدى. بۇنىڭغا قارىتا، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى ياخشى بولدى، سودا ئىشلىرى بويىچە ئايروپىلاننى ھۆددىگە ئېلىشنى دائىملاشتۇرۇش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى».


  بۇ يىلدىن بۇيان، يۇقۇم تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، خېرىدارلار تىجارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يۈرۈشلۈك ئايروپىلان ھۆددىگەرلىكى مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. ھازىرغا قەدەر، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق خادىملىرىنى نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇش، داۋالاش-قۇتقۇزۇش، چوڭ تىپتىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىشى قاتارلىقلار ئۈچۈن ھۆددىگە ئالغان 200 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، دۆلەتنىڭ قوش ئايلانما يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كۈچىنى قوشتى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ