مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئارگىنتىنا كوماندىسى فىرانسىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پوتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولدى،

مېسسى كۆپ تۈردە رېكورت ياراتتى

2022.12.20 00:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە، قاتار دۇنيا لوڭقىسى پوتبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى. نۇقتا توپ مۇسابىقىسى ئارقىلىق، ئارگېنتىنا كوماندىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون فىرانسىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى (ۋاقىت قوشۇپ بېرىش مۇسابىقىسىدە 3:3 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ، نۇقتا توپ مۇسابىقىسىدە 4:2 بولۇپ)، 36 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پوتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى.

  ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ئاخىرقى جېڭىدە، ئالدىنقى يېرىم مەيدان باشلىنىپ 21 مىنۇت بولغاندا، دى مارىيە نۇقتا توپ پۇرسىتى ياراتتى، مېسسى نۇقتا توپ كىرگۈزۈپ، قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئارگېنتىنا كوماندىسى تېز سۈرئەتتە قايتۇرما زەربە بېرىش ئارقىلىق، دى مارىيە توپنى كىرگۈزۈپ، نومۇرنى 2:0گە ئۆزگەرتتى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا، ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنى ئالماشتۇرغان فىرانسىيە كوماندىسى تېخىمۇ كۆپ تەھدىت پەيدا قىلدى. 80 مىنۇت بولغاندا، مباپپى جازا توپى تېپىپ كىرگۈزدى. 97 سېكۇنتتىن كېيىن، مباپپى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئىككى تەرەپ تەڭلەشتى. ئادەتتىكى مۇسابىقە ۋاقتىدا، ئىككى كوماندىنىڭ يېڭىش-يېڭىلىشى ئايرىلمىدى.

  ۋاقىت قوشۇلۇپ 109 مىنۇت بولغاندا، مېسسى يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە، فىرانسىيە كوماندىسى يەنە بىر قېتىم نۇقتا توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، مباپپى توپنى كىرگۈزدى، مۇسابىقە نۇقتا توپ باسقۇچىغا كىردى. ئارگىنتىنا ۋارتاسى مارتىنېز فىرانسىيە كوماندىسىدىن كوماننىڭ قاپقىغا تەپكەن توپىنى توسۇۋالدى، چو ئامېنى ئوخشاشلا توپنى كەتكۈزۈپ قويدى، ئاخىرىدا ئارگىنتىنا چىمپىيون بولدى.

  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىنى تاماملىغان مېسسى ئىككى توپ كىرگۈزدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئارگېنتىنالىق بۇ پۇتبول چولپىنى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە كۆپ تۈردە رېكورت ياراتقان:

  1. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چىقىش ۋاقتى مارتىنىدىن ئېشىپ، تارىختا بىرىنچى ئورۇندا تۇردى؛

  2. ئۇدا بەش نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە پاس بەرگەن تۇنجى توپچى بولۇپ قالدى؛

  3. بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى، سەككىز كۈچلۈكلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، تۆت كۈچلۈكلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزگەن تارىختىكى تۇنجى ماھىر بولۇپ قالدى؛

  4. ئۆزى ساقلاپ كېلىۋاتقان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى يەككە مەيدان مۇسابىقىسىدە، توپ كىرگۈزگەن يېشى ئەڭ چوڭ ماھىر رېكورتىنى يېڭىلىدى؛

  5. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ توپچى بولۇپ قالدى؛

  6. دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 17-مەيدان غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كلوس بىلەن بىرلىكتە تارىختىكى بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى؛

  7. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چىقىش قېتىم سانى 26 مەيدانغا يېتىپ، تارىختا بىرىنچى ئورۇندا تۇردى؛

  8. تارىختا ئىككى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى توپچى بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ