مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېقىندا تارقالغان BQ.1 توغرىسىدا سىز بىلىشكە تېگىشلىك بىر قانچە ئىش

2022.12.19 00:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا توردا، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ۋاكالەت نومۇرى <گېربېرۇس> ناملىق ئۆزگەرگەن زەھەر تۈپى ياپونىيەدە ئەۋج ئالدىمۇ؟» ناملىق ماقالە كەڭ تارقالدى. ماقالىدە، خەنزۇچە توردا يېقىندا تارقالغان خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، BQ.1.1 دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئۆزگىرىشچان زەھەر تۈپى پەيدا بولدى، بۇ زەھەر تۈپىنىڭ يۇقۇشچانلىقى ۋە ئۆلتۈرۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، يەنە <گېربېرۇس> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ياپونىيەدە غالجىرلاشتى، دېيىلدى.

  ئەمەلىي ئەھۋال مۇنداق:

  بىرىنچى، BQ.1 ئومىكرون BA.5نىڭ كىشىلەر توپى ئارىسىدا تارقىلىش جەريانىدا، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق پەيدا بولغان 6-ئەۋلاد كەنجى تارمىقى. BQ.1.1 بولسا BQ.1نىڭ بىرىنچى ئەۋلاد كەنجى تارمىقى. بۇ، تەدرىجىي تەرەققىيات تارماقلىرىنىڭ ئادەمدە كېسەل پەيدا قىلىش كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاشقان بولۇپ، ئېغىر كېسەل پەيدا قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش نىسبىتى دەسلەپكى مەزگىلدە تارقالغان زەھەر تۈپى ۋە ئۆزگەرگەن تۈپتىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن.

  ئىككىنچى، BQ.1 ئۆزگەرگەن تۈپى 2022-يىلى 6-ئايدا نىگېرىيەدىكى يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدا بايقالغان، 9-ئايدا BQ.1 ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىلىرىنىڭ كەنجى تارمىقى ياۋروپا-ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە كەڭ تارقالغان، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايمۇ-ئاي ئاشقان، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياپونىيە ۋە سىنگاپور قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تەدرىجىي كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان.

  ئۈچىنچى، نۆۋەتتە ئېلىمىز توققۇز ئۆلكىدىكى يەرلىك كېسەللىك مىساللىرىدىن BQ.1 ۋە ئۇنىڭ كەنجى تارمىقىدىن 49 نى تەكشۈرۈپ چىقتى، لېكىن كەڭ تارقالمىغان بولۇپ، كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك سانى بىر قەدەر ئاز، شۇنداقلا BQ.1 بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، كىلىنىكىدا ئېغىر كېسەللەرنىڭ باشقا ئۆزگەرگەن تۈپلەرگە قارىغاندا كۆپەيگەنلىكى بايقالمىدى. دۆلىتىمىزدە ھازىرقى باسقۇچتا كەڭ تارقالغان زەھەر تۈپى يەنىلا BA.5نىڭ كەنجى تارمىقى BA.5.2 ۋە BF.7نى ئاساس قىلىدۇ.

  تۆتىنچى، BQ.1 گەرچە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولسىمۇ، نۆۋەتتە، ھېچقانداق دۆلەت BQ.1 ۋە ئۇنىڭ كەنجى تارمىقى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا كېسەل پەيدا قىلىش كۈچىنىڭ ئاشقانلىقىنى خەۋەر قىلمىدى، دوختۇرخانىدا يېتىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئاشقانلىقى ھەققىدىمۇ خەۋەر يوق. يېقىندا ياپونىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ھايۋانات ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، BQ.1.1نىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىشچانلىقى BA.5 بىلەن ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  بەشىنچى، ساغلام كىشىلەر توپى ئومىكروننىڭ بىر قاتار ئۆزگەرگەن تۈپلىرى بىلەن يۇقۇملانغاندا، مۇتلەق كۆپ قىسمىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ ۋە يېنىك كېسەللىك ئالامىتى ئاساس قىلىنىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە پەيدا بولغان تارقىتىش ئېھتىماللىقى بار كەنجى تارماقتىكى BQ.1غا قارىتا، ئىسپاتلانمىغان تور خەۋەرلىرىگە ئىشەنمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ