مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىسى بار ئائىلىلەر قايسى دورىلارنى زاپاس ساقلىسا بولىدۇ؟

2022.12.19 00:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى چيەن سۇيۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بالىسى بار ئائىلىلەر بالىلار دائىم ئىشلىتىدىغان بەزى جىددىي دورىلارنى مۇۋاپىق زاپاس ساقلىشى كېرەك، لېكىن نۇرغۇن دورىلارنى زاپاس ساقلاش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، چۈنكى دورىنى ياخشى ساقلىمىغاندا، بالىلارنىڭ خاتا ئىستېمال قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زاپاس ساقلاش تەۋسىيە قىلىنىدىغان دورىلارنىڭ بىرىنچى تۈرى قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى. بالىلار ئالتە ئايلىقتىن يۇقىرى بولسا، ئىبۇپروفېن، پاراسېتامول ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاشقا بولىدۇ؛ ئىككى ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە بولغان بالىلار ئىبۇپروفېن ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ، پاراسېتامولنى تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ ئىككى ئايغا توشمىغان بالىلارغا ئادەتتىكى قىزىتما ياندۇرۇش دورىلىرى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، فىزىكىلىق تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھەمدە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

  نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرىگە قارىتا، ئاتا-ئانىلار ئىسسىقنى ياندۇرۇپ بەلغەمنى بوشىتىدىغان دورىلارنى زاپاس ساقلىسا بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: يۆتەل نەپەس يولى ئاجراتمىلىرىنىڭ چىقىرىلىشىغا پايدىلىق، بالىلار يېنىك يۆتەلگەندە ئادەتتىكىدەك دورا ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، ئەگەر بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، روشەن يۆتىلىش قاتارلىقلار بولسا تۇمانلاشتۇرۇش، بۇرۇن يۇيۇش، نەملىك ئاشۇرغۇچ بىلەن ھاۋانىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق بالىنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. بالا روشەن يۆتەلگەندە، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ يېشىغا قاراپ، يېشىغا ماس كېلىدىغان دورىلارنى تاللىسا بولىدۇ.

  ئۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى خىل دورىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىچىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، تەشەببۇس قىلىنمايدۇ، شۇنداقلا ئالماشتۇرۇپ ئىچىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئاتا-ئانىلار چۈشەندۈرۈشى ماس كېلىدىغان ياش باسقۇچى ۋە تەۋسىيە قىلىنغان مىقدار بويىچە ياكى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى قېتىم دورا ئىشلىتىش ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق ۋاقتىغا دىققەت قىلىش لازىم. بالىلارنىڭ ئەزالىرى ئانچە پىشىپ يېتىلمىگەن بولغاچقا، دورا ئىشلىتىشتە تېخىمۇ ئۆلچەملىك ۋە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. ئاتا-ئانىلار ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ تەجرىبىسى ياكى قىياسىغا ئاساسەن بالىلارغا دورا بەرمەسلىكى، ئىشەنچ قىلالمىغاندا، ئاتا-ئانىلارنىڭ يىراق مۇساپىلىك كېسەل كۆرسىتىش ئارقىلىق، كەسپىي خادىملارنىڭ دورا ئىشلىتىش يېتەكچىلىكى ۋە تەۋسىيەسى بويىچە دورا ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ