مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ ياپونىيەلىك ئون نەچچە يىل ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا دائىر دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاپ جۇڭگوغا تاپشۇرۇپ بەرگەن

2022.12.15 15:23 مەنبە: خەلق تورى

  بۇ ياپونىيەلىك ئون نەچچە يىل ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا دائىر دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاپ جۇڭگوغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.


  «ئادەملەر قانداقسىگە بۇنداق رەھىمسىز ئىشلارنى قىلىدۇ؟»، «ياپونىيەلىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن زادى نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەك؟»، «مەن نېمىشقا ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغانلىق ئىسپاتىنى يىغىپ جۇڭگوغا تاپشۇرۇپ بېرىشتە چىڭ تۇرىمەن؟». ياپونىيەلىك راھىب دادۇڭرېن بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبى تىنچلىق ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.


  11-ئاينىڭ 30-كۈنى، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلار خاتىرە سارىيى 2022-يىللىق يېڭىدىن ھۆججەت، تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، جەمىي 453 پارچە (يۈرۈش) مۇھىم ھۆججەت، تارىخىي ماتېرىياللار خاتىرە سارىيىغا كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە دادۇڭرېننىڭ بۇ يىل ياپونىيەدە توپلىغان 51 پارچە (يۈرۈش) مۇھىم ھۆججەت، تارىخىي ماتېرىياللىرىمۇ بار. بۇ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى شىنجىڭچۈننىڭ «جۇڭگو-ياپونىيە فرونتى تەزكىرىسى»، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى 9-شىسى پىيادە ئەسكەرلەر 36-بىرلەشمە ئەترىتى 11-ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ «جۇڭگو-ياپونىيە فرونتى تەزكىرىسى»، جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى شەرەپلىك 1644-قىسمىنىڭ ئالاقىدار سۈرەتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


  57 ياشلىق دادۇڭرېن ياپونىيە ئەيجى ناھىيەسى يۈەنگۇاڭ ساڭرامىنىڭ باش راھىبى بولۇپ، 2005-يىلىدىن بۇيان ئۇ خاتىرە سارىيىغا ۋاكالىتەن توپلىغان ۋە ئىئانە قىلغان تارىخىي ماتېرىيال 4500 پارچىدىن ئاشتى.


  ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، دادۇڭرېن جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا بېرىپ بىر ئاي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، لياۋنىڭ يىڭكوۋدىكى خۇشىگۇ 10 مىڭ كىشىلىك ئازگال خاتىرە سارىيى، خېيلۇڭجياڭ خاربىندىكى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى 731-قىسىمىنىڭ خارابىسى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان. «ئۇ چاغدا بەك قورقۇنچلۇق ھېس قىلغانتىم، ئادەملەر قانداقسىگە بۇنداق رەھىمسىز ئىشلارنى قىلىدىغاندۇ؟ شۇ چاغدا مەن ياپونىيەلىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن زادى نېمە قىلىشىم كېرەك؟ دېگەنلەرنى ئويلىدىم» دېدى ئۇ بۇھەقتە توختالغاندا.


  ئۇ جۇڭگودىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ياپونىيەدە ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاپ، ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش تارىخىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئۇرۇش جىنايىتىنى پاش قىلدى ۋە تەنقىد قىلدى. بۇنداق قىلغاندا ياپونىيەدىكى ئوڭ قانات كۈچلەرنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى قوپال ھۇجۇمىدىن ساقلانغىلى بولمايتتى. ئاتالمىش قارشى تەرەپنىڭ «نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى دەيدىغان ئىش يوق» دەپ جار سالغان سەپسەتىسىگە قارىتا، دادۇڭرېن سالماقلىق بىلەن تارىخىي ماتېرىياللارنى چىقىرىپ قارشى تەرەپكە كۆرسىتىپ، توختىماي «دەلىل ئىسپاتقا تايىنىپ گەپ قىلدى». شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە نۇتۇق سۆزلەش ۋە ئوقۇتۇش پۇرسىتى ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى خەلق ئاممىسىغا تارىخنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يەتكۈزدى.


  «مەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ ماتېرىياللار مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ، مەن مەڭگۈ تىنچلىققا ئىنتىلىمەن» دەيدۇ ئۇ، دادۇڭرېننىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ تارىخنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشىمۇ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولغانلىقىدىن ئىكەن. تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىكتۇر.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى



مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ