خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
سوئال: ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇشتىن ئۆز ئىختىيارلىقى ۋاز كېچىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: بولمايدۇ
بەزى شىركەتلەر ئەمگەك توختامى ئىمزالىغاندا، ئىشچى خىزمەتچىلەردىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇشتىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋاز كېچىش ۋەدىنامىسى ئىمزالاشنى تەلەپ قىلىدۇ.
يەنە بەزى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ئاز تاپشۇرۇپ، مائاشنى كۆپرەك ئېلىش ئۈچۈن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋەدىنامە يېزىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ، شىركەتتىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى مائاشقا ئۆزگەرتىپ ئۆزىگە بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
بۇ خىل «ۋەدىنامە» قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەس، يۇقىرىقى قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى قانۇنغا خىلاپ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئەمگەكچىلەر قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.
ئەمگەكچىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش ھەمدە قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى، بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى پۈتۈم ئارقىلىق ئۆزگەرتسە ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسە بولمايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى