مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«تەيۋەن-ئامېرىكا» يەنە 15 مىليارد 700 مىليون تەيۋەن پۇلى ھەربىي قورال-ياراغ سېتىۋېلىش لايىھەسىگە ئىمزا قويدى

دۆلەت تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى «پۇلنى ئامېرىكىلىقلارغا بىكاردىن-بىكار بېرىۋەتكەندىن كۆرە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتكەن ياخشى ئەمەسمۇ؟» دېدى

2022.11.23 02:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەيۋەن مۇداپىئە تارماقلىرى يېقىندا، «تەيۋەن-ئامېرىكا» ئىككى تەرەپنىڭ مۇشۇ ئايدا 15 مىليارد 760 مىليون تەيۋەن پۇلى قىممىتىدىكى «ئۇزۇن مۇساپىلىك ئالدىن سىگنال بېرىش رادار سىستېمىسى»نىڭ 3-باسقۇچلۇق داۋاملاشما سودا لايىھەسىنى ئىمزالىغانلىقىنى، ئامېرىكا تەرەپ بەش يىللىق ئارقا سەپ تەمىناتى ۋە ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  بۇنىڭغا قارىتا، 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، باياناتچى ما شياۋگۇاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ 15 مىليارد 700 مىليون تەيۋەن پۇلىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلەتسە، ئامېرىكىلىقلارغا بىكاردىن-بىكار بېرىۋەتكەندىن ياخشى ئەمەسمۇ؟ دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى شۇنى ئېنىق بىلىشى كېرەككى، «مۇستەقىللىق»نى كۆزلەپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشنىڭ چىقىش يولى يوق، تاشقى كۈچلەرگە تايىنىپ «قورال كۈچىگە تايىنىپ مۇستەقىللىققا ئۇرۇنۇش» پەقەتلا ئۆزىنىڭ ھالاك بولۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىدۇ. ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، «92-يىل ئورتاق تونۇش»ى ئاساسىغا قايتىپ كېلىش لازىم، بۇنىڭدىن باشقا يول يوق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ