مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئۇلارنىڭ قورسىقىدا جىن بار، كاللىسىنىڭ سۈيى بار»

2022.11.23 02:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: يېقىندا تەيۋەندە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئويۇنى قويۇلغاندا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى ئىكەنلىكى بايقالغاندىن كېيىن، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى ئۆتكەلنى ئۈزۈل-كېسىل ئىگىلەشنى تەلەپ قىلغان، ھەتتا كەلگۈسىدە چوڭ قۇرۇقلۇقتا ياسالغان زاپچاسلارنىمۇ تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، بۇلتۇر گاۋشيۇڭدىكى يېڭى يىلنى تەبرىكلەش كېچىلىكىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئويۇنىدىمۇ مۇشۇنداق بىر كۈلكىلىك ئىش يۈز بەرگەن، «تەيۋەن نۇرى»دىن «پۈتۈنلەي چەكلەش»كىچە بولغان چوڭ ئۆزگىرىشنى بىر خىل مەسخىرە دېيىشكە بولىدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كەسپى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، تەيۋەندىكى ھەر ساھەنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا ياسالغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋېلىشى ناھايىتى نورمال ئىش. دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى ھەمىشە رەڭلىك كۆزەينەك تاقاپ مۇئامىلە قىلىدۇ، ھە دېسىلا ئىشلىتىشنى چەكلەيدۇ، سىياسىي مەشغۇلات قىلىدۇ، ئۇلار پەقەتلا ئىككى قىرغاقنىڭ قارشىلىشىشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە جىن بارلىقىنى، كاللىسىنىڭ سۈيى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ھالاكەت يولى، چەت ئەللىكلەر ئىشەنچىسىز، دېدى

  جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى يېقىندا بالى ئارىلىدا كۆرۈشتى. دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى يەنە بىر قېتىم خاتا سۆز قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرىگە شۇنى ئۇقتۇرۇمىزكى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ھالاكەت يولى، چەت ئەللىكلەر ئىشەنچىسىز. ئاتالمىش «دېموكراتىيە» نىقابى بىلەن «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نىڭ سەتچىلىكىنى يېپىشقا، ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە، كىشىلەرنى ئالداشقا بولمايدۇ. ھەمىشە ۋەزىيەتكە خاتا ھۆكۈم قىلىپ، تاشقى كۈچلەرگە بېقىنىپ، ئۆزىنىڭ «مۇستەقىللىق»قىغا ئۇرۇنۇپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلماقچى بولسا، بالا-قازادىن قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ھاڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ