مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە سۆزلەنگەن سۆز

2022.11.16 22:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى نەشردىن چىققان 22-سانىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، بىز ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ھازىر، بىز جاسارەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى مۇساپىدە، بىز باشتىن-ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەتنى ساقلىشىمىز كېرەك. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى يۈكلەنگەن، ئۇنىڭغا جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈرەشلىرى ۋە قان-تەرى مۇجەسسەملەنگەن. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش __ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسى، ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل ئىش. بىز باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، بىز ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، مەيلى بوران-چاپقۇن بولسۇن، مەيلى جىددىي ياكى دەھشەتلىك دولقۇن بولسۇن، خەلق مەڭگۈ بىزنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تايانچىمىز، ئەڭ قۇدرەتلىك ئاساسىمىز. بىز باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق قىلغاننى قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، بىز باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن، ئەمما ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمىگەن پارتىيە ئاندىن ئاساسى دائىم ياشناپ تۇرىدۇ؛ شانلىق نەتىجە ياراتقان، يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان پارتىيە ئاندىن ھەممىنى يېڭىدۇ. يېڭى مۇساپىدىكى يېڭى خىرىس، يېڭى سىناق ئالدىدا بىز جەزمەن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ئىمتىھانغا ئۈلگۈرۈشتىكى سەگەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىقنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، باشتىن-ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ كۈچلۈك تايانچىسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، بىز باشتىن-ئاخىر پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. بىز ئەزەلدىن ئىنسانلارنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى ئىگىلىشى ۋە بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدۇق. بىز ھەرقايسى ئەل خەلقى بىلەن بىرلىكتە تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، دۇنيا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولىمىز.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگوغا موھتاج. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ئايلىنىش ئىمكانىيىتى كەڭ، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىدىغان ئاساسىي تەرەپ ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭىيىدۇ. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىمىز.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى مۇساپە شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر. پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، بۇرغا چېلىندى. بىز جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ تېخىمۇ پارلاق ئەتىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ