مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە توختالدى

2022.11.15 15:17 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 14-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى «باياناتچى جۇڭگونىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى تونۇشتۇرالامدۇ-يوق؟» دەپ سورىدى


  ماۋنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان سىياسىتى ئىزچىل ۋە ئېنىق. بىز ئامېرىكا بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايمىز. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ پىرىنسىپ بويىچە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ توغرا بىللە تۇرۇش يولىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.


  ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاتا چۈشىنىش ۋە خاتا ھۆكۈمدىن ساقلىنىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشتەك توغرا يولغا قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ