2022- يىل 11- ئاينىڭ8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تيەنجىن شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى لياۋنىڭ ئۆلكىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ گوچياڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. ليۇ گوچياڭ پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدۇ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنىدۇ، شۇنداقلا شەخسىي مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلىدۇ، ئۆمۈرۋايەت قامىلىدۇ، جازاسىنى كېمەيتىشكە ياكى كېپىللىككە قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ.
سوت قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەر ئېنىقلاندى: 2006- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە، جاۋابكار ليۇ گوچياڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە كارخانا تىجارىتى، تۈر تەستىقلاش، مالىيە مەبلىغىگە ئېرىشىش ۋە ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بەرگەن. 2008- يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، ليۇ گوچياڭ قوبۇل قىلغان باشقىلار سوۋغا قىلغان مال-مۈلك خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 352 مىليون يۈەندىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 49 مىليون يۈەنگە تېخى ئەمەلىي ئېرىشمىگەن.
تيەنجىن شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: جاۋابكار ليۇ گوچياڭنىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، ئالغان پارا سوممىسى پەۋقۇلاددە كۆپ، قىلمىشى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى پەۋقۇلاددە ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان، جىنايىتىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەك. ليۇ گوچياڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، دېلو بېجىرىش ئورگىنى تېخى ئىگىلىمىگەن مۇتلەق كۆپ قىسىم پارا ئېلىش جىنايەت پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇپ، جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ ۋە جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىپ، زاڭ مالنى ئاكتىپ قايتۇردى، پارا ئالغان كۆپ قىسىم زاڭ پۇلنى قايتۇردى، قانۇندا ئەھۋالغا قاراپ يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدىغان ئەھۋال بار، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىندى، ئەمما دەرھال ئىجرا قىلىنمىسىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ليۇ گوچياڭنىڭ جىنايەت پاكىتى ۋە قىلمىشىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا كېمەيتىش، ئۆمۈرۋايەت قاماش، جازاسىنى كېمەيتمەسلىك، كېپىللىككە قويۇپ بەرمەسلىك قارار قىلىندى. سوت يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ