11- ئاينىڭ 8- كۈنى، 14-نۆۋەتلىك جۇڭگۇ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىدە، جۇڭگۇ شاڭفېي شىركىتى يەتتە ئىجارە ئالغۇچى شىركەت بىلەن 300 C919 تىپلىق ئايروپىلان ۋە 30 ARJ21 تىپلىق ئايروپىلان زاكازىنى جەزىملەشتۈردى.
ئېلىمىزنىڭ تۇنجى خەلقئارا قاتنىشىغا ماسلىشىش ئۆلچىمى بويىچە ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە رېئاكتىپ غول لىنىيەلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى C919 تىپلىق چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىدا 158 دىن 192 گىچە ئورۇن بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن ئۇچۇش مۇساپىسى 5555 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، 2007-يىلى تۈر تۇرغۇزۇلۇپ، 2017-يىلى تۇنجى قېتىم ئۇچۇرۇلغان، 2022-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى تارقاتقان تىپ لاياقەتنامىسىگە ئېرىشكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ