مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيمىز

___ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا

2022.11.07 23:48 مەنبە: خەلق تورى

  «جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى ئۈزلۈكسىز يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيمىز»، 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ چوڭ بازار پۇرسىتىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى، خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىغا جۇڭگونىڭ تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى ھەم بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  ئېچىۋېتىش __ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ روشەن بەلگىسى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، دۇنياغا بەخت ياراتتى. بولۇپمۇ ئۆتكەن ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورى بەرپا قىلىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش چوڭقۇر ئالقىشقا ئېرىشكەن خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلات ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى. جۇڭگو 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھىغا ئايلاندى، مال سودا ئومۇمىي سوممىسى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ۋە چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى شەكىللەندى.

  جۇڭگو ياسىمىچىلىقى دۇنيا كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇدا كۆپ يىل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %30 تىن ئېشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ بازار پۇرسىتى، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى، ئېشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، تاشقى سودىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ قاينام-تاشقىنلىق ۋەزىيىتىنى قوزغىدى، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ باھارىنى ئۇرغۇتتى.

  جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئېچىۋېتىش شارائىتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن، كەلگۈسىدە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىمۇ چوقۇم تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، دۇنيا بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويىدۇ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرىدۇ، ئىچكى-تاشقى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنىڭ ھەمتۈرتكە ئۈنۈمىنى كۈچەيتىدۇ»، بۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىغا تېخىمۇ كۆپ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ.

  جۇڭگو يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ماس، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، يېشىل، ساغلام بولغان يەر شارىۋى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يەنىمۇ ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو دۇنيا بىلەن تېخىمۇ ياخشى ھەمتۈرتكە بولىدىغان، تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدىغان ۋە گۈللىنىدىغان جۇڭگو ۋە دۇنيانى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

  داغدام يول ئاددىي، ئەمەلىي ئىشلەش مۇھىم. يېڭى تەرەققىيات ئارقىلىق دۇنياغا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بېرىشتە، جۇڭگو بىر قاتار ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى قوللىنىدۇ. ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگو چوڭ بازىرى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، جۇڭگو قۇدرەتلىك ئىچكى بازار قۇرۇشنى تېزلىتىپ، مال سودىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  مۇلازىمەت سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ئىمپورتىنى كېڭەيتىش، «يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى» ھەمكارلىقى باشلامچى رايونى بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇپ، سودىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققى قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. بۇ دەل دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى ۋە ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بازىرىنى دۇنيا بازىرىغا، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بازارغا، كۆپچىلىكنىڭ بازىرىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، جۇڭگو قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىقلارنى تۈزۈم تىپىدە ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، يېڭى نۇسخىدىكى «چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىلىدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسى»نى ياخشى يولغا قويۇپ، دۆلەت مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى؛ ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال سىناق سۇپىسىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى. بۇ دەل ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان، كۆپ مەنبەلىك تەڭپۇڭ، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوچۇق ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھات سۆھبىتىگە ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر قاتنىشىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى ئورتاق يېتىلدۈرۈپ ، «تىنچ ئوكيان ھالقىغان ئومۇميۈزلۈك ۋە ئىلغار ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ۋە «رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» گە قاتنىشىشنى پائال ئىلگىرى سۈردى، دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونلىرى تورىنى كېڭەيتىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە مەدەتكار بولدى ۋە ياردەم بەردى. بۇ دەل ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  ئېچىۋېتىش تەرەققى قىلىش ۋە ئالغا بېسىشنىڭ مۇقەررەر يولى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىدۇ. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، جۇڭگو چوقۇم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىغا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، دۇنيا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو كۈچىنى قوشۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ