مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچى» چۈ جيەنلىڭ ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىندى

2022.11.04 11:44 مەنبە: خەلق تورى

  10- ئاينىڭ 29- كۈنى، مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارادا قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى بىلەن، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، 27 يىلدىن بۇيان «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان خادىم» چۈ جيەنلىڭ چېگرا سىرتىدا تورغا چۈشتى ھەمدە ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىندى.

  چۈ جيەنلىڭ، ئايال، 1970- يىل 9- ئايدا تۇغۇلغان، جۇڭگو بانكىسى گۇاڭجوۋ شۆبە بانكىسى خۇاڭپۇ تارماق بانكىسىنىڭ سابىق مالىيە باشقۇرغۇچىسى، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ زور سوممىلىق ھۆكۈمەت پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە چېتىلىپ، 1995-يىل 11-ئايدا چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. چۈ جيەنلىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىپ كۆپ دۆلەتكە قاچقان، دېلو بېجىرگۈچى ئورگان بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ يوشۇرۇنغان يىپ ئۇچىنى بايقىغان ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى ئارقىلىق ئۇنىڭغا قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاخىرىدا ئۇنى قولغا ئالغان.

  مەركەز قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قوغلاپ تۇتۇش، قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كېلىش مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  چۈ جيەنلىڭنىڭ قولغا ئېلىنىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي تاقەت قىلماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، رەزىللىكنى جازالاشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، قاچقۇنلارنى جەزمەن قوغلاش، ئاخىرغىچە قوغلاشتەك روشەن پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى. زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كېلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. بىز قەيسەر ئىرادە ۋە نىيەت بىلەن قاچقۇنلارنى تۇتۇپ، زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كېلىش جېڭىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز، قاچقۇندىن بىرىلا بولىدىكەن، قوغلاپ تۇتۇشنى ھەرگىز توختاتمايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ