مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يادرو ئېنىرگىيەسىدە پار تەمىنلەش رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2022.11.04 10:45 مەنبە: خەلق تورى

  لياۋنىڭ خۇڭيەنخې يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدە پار تەمىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ تۈر ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى تۇنجى يادرو ئېنېرگىيەسىدە پار تەمىنلەش تۈرى بولۇپ، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن ۋافاڭديەن شەھىرىنىڭ خۇڭيەنخې بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  لياۋنىڭ خۇڭيەنخې يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدە پار تەمىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ پىلاندىكى پار تەمىنلەش كۆلىمى 242 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، خۇڭيەنخې يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ پار تۇربىنىسىدىن چىقىرىلغان پار ئىسسىقلىق مەنبەسى قىلىنىپ، خۇڭيەنخې بازىرىدىكى ئەسلىدىكى 12 كۆمۈر قالايدىغان پار قازىنىنىڭ ئورنىنى ئالدى. بۇ تۈردە يېڭىدىن 10 كىلومېتىرغا يېقىن بىرىنچى قېتىملىق تۇرۇبا تورى، 5.7 كىلومېتىرلىق ئىككىنچى قېتىملىق تۇرۇبا تورى، يېڭىدىن تۆت ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتى قۇرۇلدى.

  دۆلەت ئېلېكتىر سەرمايە گۇرۇھى شەرقىي شىمال شىركىتى دافا ئېنېرگىيە تارماق شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى مىن مۇنداق دېدى: «دۆلەت ئېلېكتىر سەرمايە گۇرۇھى شەرقىي شىمال شىركىتى ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق تۇربا تورى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشى ۋە كېيىنكى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇشنى ئۈستىگە ئالدى»، پار ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئىسسىقلىق ئىشلىتىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش سۇپىسىغا تايىنىپ، ئىسسىقلىق مەنبەسى، يەتكۈزۈش، تەقسىملەش سىستېمىسى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆي تېمپېراتۇرىسى قاتارلىق ھەر قايسى ھالقىلاردىكى تەمىنلەش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ھەر ۋاقىت ئۆلچەپ تەكشۈرىدۇ ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەھلىل قىلىدۇ.

  لياۋنىڭ خۇڭيەنخې يادرو ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى دۇڭ دېلياڭ مۇنداق دېدى: «مۆلچەرلىنىشىچە، خۇڭيەنخې يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدە پار تەمىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر يىلى 5726 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر سەرپىياتى ئازىيىدۇ، 14 مىڭ 100 توننا كاربون، 60 توننىدىن ئارتۇق گۇڭگۇرت قوش ئوكسىد ئاز قويۇپ بېرىلىدۇ، 2621 توننا داشقال ئازىيىدۇ، بۇنىڭ مۇھىت ئاسراش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ