مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش (يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش) كېرەك

2022.11.03 22:22 مەنبە: خەلق تورى

  ئىستون ئېچىش ئىلاۋىسى

  ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا.

  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن 28 – كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنئەن شەھىرى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئەنياڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنئەن روھى ۋە قىزىل بايراق ئۆستىڭى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك».

  يېڭى دەۋردىكى ئون يىلدا، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي يوسۇندا ھەل قىلىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتا، جايلار، تارماقلار يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئېنىق نىشان، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىي قىلىشى، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي-باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

  گېزىتىمىز بۈگۈندىن باشلاپ «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىپ، كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيە 20 – قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپلىرى، ئىختىساسلىقلىرى، مەدەنىيىتى، ئېكولوگىيەسى، تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى ئەمەلىيىتى، يېزا-كەنتلەردە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقى نامايان قىلىنغان يېڭى كەيپىياتنى خەۋەر قىلىدۇ.




  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا يېزا ئىگىلىكىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش شەرت.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات جەھەتلەردىن گۈللىنىشىگە پۇختا قەدەم بىلەن تۈرتكە بولۇشىمىز لازىم».

  ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلەتكە قاراپ مېڭىشقا ئاتلاندى، بۇ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى، شۇنداقلا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.

  بېيداخۇاڭ گۇرۇھى 857 دېھقانچىلىق مەيدانى چەكلىك شىركىتىدىكى ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقان چى خۇڭلياڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا بىز تولۇپ توشقان غەيرەتكە تولدۇق!». بىپايان سەنجياڭ تۈزلەڭلىكىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تەرەپ – تەرەپكە قاتراپ، مول ھوسۇل شادلىقى چى خۇڭلياڭنىڭ چېھرىدە جىلۋىلەنگەنىدى، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ياخشى سىياسەتلەر ئۈزلمىدى، بۇ يىل كۆممىقوناقنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى 1800 جىڭدىن ئاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، «جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسى»نى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىمەن.

  «يېزا ئىگىلىكىنى بارغانسېرى كۈچەيتىشنى دېھقانلار قوش قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز» دېدى خېبېي ئۆلكىسى چېڭئەن ناھىيەسى داگوجۇاڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ۋېي شيەنچى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن خۇشاللىقى چىقىپ تۇراتتى. كۆممىقوناقنى دادۇرغا كىرىشتۈرۈپ تېرىپ، بىر مو يەردىن قوش ھوسۇل ئېلىندى، دان-دان پۇرچاقلار، ساپسېرىق كۆممىقوناقلارنىڭ ئامبارغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ۋېي شيەنچى يەنە يېڭى پىلانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «800 مودىن ئارتۇق كۈزگى بۇغداي تېرىپ، پەن – تېخنىكا جەھەتتە داۋاملىق كۈچەپ، كېلەر يىلى يەنە ياخشى ھوسۇل ئېلىشقا تىرىشىمەن».

  ئۇلۇغ پىلان كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، بۇرغا ئاۋازى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. شەرقىي شىمال ئاشلىق ئامبىرىدىن لىڭنەن زېمىنىغىچە، بېلىق، گۈرۈچ ماكانىدىن شىمالدىكى جياڭنەن بوستانلىقىغىچە كەڭ كادىرلار ۋە ئامما مۇنداق دېيىشتى: يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتە پەسىلمۇ پەسىل پۇختا ئىشلەپ، ھەربىر ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

  يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تېز تەرەققىي قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ ئىلگىرىلەشنىڭ ئاساسىي شارائىتى ھازىرلاندى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېزا ئىگىلىكى زامانىۋىلاشتۇرۇلمىسا، يېزىلار گۈللىنىپ قۇدرەت تاپالمايدۇ، دېھقانلار خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلىيەلمەيدۇ، دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇكەممەل، ئومۇميۈزلۈك، پۇختا بولمايدۇ».

  شەندۇڭ ئۆلكىسى جۇچېڭ شەھىرى بەيچىخې بازىرىدىكى ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقان ۋاڭ جىخەي ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «يەنە بىر مول ھوسۇللۇق يىل بولدى! ھازىرقى يەر تېرىش ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ. زەنجىر تاپانلىق قوناق كومبايىنى بىرنەچچە قېتىم ئايلانسىلا 10 نەچچە كىشىنىڭ بىرقانچە كۈن ئىشلىگىنىگە باراۋەر بولىدۇ. 1200 مودىن ئارتۇق يەردىكى قوناقنى ئىككى-ئۈچ كۈندىلا يىغىپ بولىمىز».

  ھەربىر پەسىلدىكى مول ھوسۇل توختىماي كۈرەش قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى. بۇ يىل دۆلىتىمىزدە يازلىق ئاشلىق، چىلگە شالدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، كۈزلۈك ئاشلىق كۆلىمى مۇقىم ئاشتى، قۇرۇلمىسى سىجىل ياخشىلاندى، ئۈنۈمى مۇقىم ئاشتى، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا يەنە ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار.

  «پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى <يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار> مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تېز تەرەققىي قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى چوڭ دۆلىتىدىن يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلىنىشنىڭ ئاساسىي شەرتىنى ھازىرلىدى» دېدى يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

  ___ ئاساس مۇستەھكەملىنىپ، تەمىنات كاپالىتىنىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ مۇقىم بولدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن-ئاخىر چىڭ تارتىپ، كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئاشلىقنى ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مۇقىم ئېشىپ، مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا بىرقانچە يىل 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن ئاشتى، ئاشلىق كاپالىتى كۈچلۈك، كۆكتات تەمىناتى يېتەرلىك، مېۋە سورتى كۆپ خىل بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشقا يېتەرلىك كۈچ قوشۇپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشكە پۇختا ئاساس سالدى.

  جۇڭگو خەلق داشۆسى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا تەرەققىيات شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى چېڭ گوچياڭ مۇنداق دېدى: «يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش يېزا ئىگىلىكى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ، كەلگۈسىدە كۆلەم سۈرئىتىنى قوغلىشىشتىن سۈپەت ئۈنۈم رىقابىتىگە ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئەمدى جايلار، تارماقلار يېزا ئىگىلىكنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەپ، يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مول، كۆپ خىل يېمەكلىك ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشى كېرەك».

  كۈچلۈك ئۈستۈنلىك بولغاندىلا يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ تولۇقلىنىدۇ

  «شيەنجېڭدا» گۇرۇھى ياڭلىڭ تېخنىكا مەركىزىنىڭ باش نازارەتچىسى ۋۇ چۈنرېن مۇنداق دەيدۇ: بىز يۇقىرى مىقداردىكى مولېكۇلىلارنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا نەچچە ئون مىڭ تۈپ كۆممىقوناقتىن ئەلا سورتلارنى تاللاپ چىقىپ، شەكلى ئۆزگەرگەن يېتىشتۈرۈش ۋاقتىنى ئۈچ يىلدىن بىر ياكى ئىككى يىلغا قىسقارتتۇق. يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى يېڭى نىشان كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا خادىمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز داۋاملىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك «جۇڭگو سورتى»نى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

  پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى ھالقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. 2021 - يىلىغىچە، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىسى 61% كە يېتىپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىۋېلىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى %72 تىن ئاشتى.

  يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ پايدىلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇرۇقچىلىق مۇھىم نۇقتا قىلىنغان يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋى ماددىي شارائىت بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، ئەسلىھەلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرنىڭ مەھسۇلات نىسبىتى، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى ۋە بايلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىشىمىز كېرەك.

  مەھسۇلاتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر، بايلىق تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك


  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، يېزا - كەنت تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك»، «يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي تېزلىتىپ، مەھسۇلاتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر، بايلىق تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات يولىدا مېڭىشمىز كېرەك».

  بۇغدايلار گىرەلىشىپ كەتكەن تۇرۇبىلاردىن ئۆتۈپ ئۇن تارتىش ماشىنىسىغا يەتكۈزۈلۈپ، نەچچە ئون ئىش تەرتىپى ئارقىلىق بۇغداي كىراخمالى، بۇغداي ئاقسىلى قاتارلىق قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارغا ئايلىنىدۇ. خېنەن «فېيتيەن» يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دۇڭ دېپىڭ مۇنداق دېدى: ئىنچىكە پىششىقلاشتا، بىر تال بۇغداينى 60 نەچچە خىل مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرغىلى، كەسىپ زەنجىرىنى تېخىمۇ ئۇزارتقىلى، قىممىتىنى 25 ھەسسە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  كەسىپنى گۈللەندۈرۈش يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار ئاشلىق كەسپىنى پۇختىلاپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى يېتىلدۈردى، ئېلىمىز جەمىئي 156 مىڭ دەسلەپكى پىششىقلاش ئەسلىھەلىرى، 50 مىڭدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايىدا سوغۇق، يېڭى ساقلاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى % 70.6 كە يەتكۈزدى.گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى يېزا ئىقتىسادى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يې شىڭچىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى بىلەن يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ نىسبىتى 2.5:1 بولۇپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن 3:1 دىن 4:1 گىچە تۆۋەن بولدى، بۇ ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنىڭ يەنىلا قىسقا، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنىڭ يەنىلا يۇقىرى ئەمەسلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، تولۇقلاپ، كۆپەيتىپ، كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ قىممىتىنى، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، يېزىلارنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى مەھسۇلات ئەۋزەللىكىگە، كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.خېنەن ئۆلكىسى جېڭياڭ ناھىيەسىدە خاسىڭ كەسپى ھەقىقىي تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى. ئېتىزدا پۈتۈن مۇساپىلىك ئۆلچەملەشكەن تېرىقچىلىق، ماشىنىلاشقان ھوسۇل يىغىش؛ سېخ، قاتار - قاتار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرى ھەركەتكە كېلىپ، خاسىڭنى خاسىڭ مېيى، ئىستىراھەت ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىگە ئايلاندۇردى؛ مەنزىرە رايونى، خاسىڭ باغچىسى، خاسىڭ مۇزېيى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. جېڭياڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭجېڭ مۇنداق دېدى: خاسىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش قاتارلىق ھالقىلارنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، بىز خام ماتېرىيال سېتىشتىن مەھسۇلات سېتىش، ماركا سېتىشقا يۈزلەندۇق، بۇلتۇر خاسىڭ كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال كىرىمى 32 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

  كەسىپنى گۈللەندۈرۈشتە داۋاملىق كۈچ چىقىرىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن مەۋقەنى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، يېزا-كەنتلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك قىممىتىنى قېزىشنى يۆنىلىش قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى-مەدەنىيەت-ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى 1-،2-،3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ، بايلىقتىن تېخىمۇ تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز كېرەك.

  «كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئىشلىتىلدى، يەرلەر تېمىتىپ سۇغىرىلدى، دورا، ئوغۇت، سۇ تېخىمۇ تېجەلدى.» خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرى فېيشياڭ رايونى چيەنبەي لوباۋ كەنتىدىكى ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىش چوڭ ئائىلىسىدىن ليۇ يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: «ھازىر تېرىقچىلىقتا يېشىل ئىشلەپچىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، بىز سۇنى ئەڭ زور دەرىجىدە تېجەپ، ئوغۇتنى ئەڭ ئاز ئىشلىتىپ، ئەڭ ياخشى تېرىقچىلىق قىلىشىمىز كېرەك.»

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار ئىلغار سورتلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق سۇ تېجەش، دېھقانچىلىق تېخنىكىسى ئارقىلىق سۇ تېجەش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق سۇ تېجەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېتىز-ئېرىق سۇغىرىش سۈيىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كوئېففىتسېنتىنى 0.568 گە يەتكۈزدى؛ شاخ-شۇمبا، سۇلياۋ يوپۇقتىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، شاخ-شۇمبىنى ئوغۇتلاشتۇرۇش، يەم-خەشەكلەشتۈرۈش، ئېنېرگىيەلەشتۈرۈپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش نىسبىتىنى %87 تىن ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۈزلۈكسىز يېشىللاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇشقا يۈزلەندۈردى.

  يې شىڭچىڭ مۇنداق دېدى: «شۇنى كۆرۈش كېرەككى، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ سۇ-تۇپراق بايلىقى مۇھىتىنىڭ چەكلىمىسى يەنىلا كۈچىيىۋاتىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىشتە سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنى تۈزەپ، يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك يېشىل تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانلىق تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.»

  تېرىلغۇ يەرنى ياخشى قوغداپ، سىستېمىنى ياخشى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەر قانۇنىنى ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاش لازىم»، «تېرىلغۇ يەرنى، بولۇپمۇ ئاساسىي ئېتىزلارنى ياخشى قوغداش ئاساسىدا، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇش كېرەك».

  «ئېتىز تۈزلەندى، ئېرىق-ئۆستەڭلەر راۋانلاشتى، تېرىلغۇ يەر شارائىتى ياخشىلاندى، مەھسۇلات مىقدارى تېخىمۇ مۇقىم بولدى.» جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرى شۇاڭياڭ رايونى چىجيا بازىرى چاڭپاۋ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ خەيبو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنىڭ پايدىسىنى تەپسىلىي سۆزلىدى. چىجيا بازىرى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز ئۈلگە رايونى قۇرۇپ، 20 مىڭ مو ئاشلىق ئېتىزىنى «مۇنبەت ئېتىز»غا ئايلاندۇردى. «كۈزلۈك يىغىم ئاخىرلاشقاندا، كۆپچىلىك بىكار تۇرماي، ئۆستەڭ چېپىپ يەر تۈزلەپ، كېلەر يىللىق مول ھوسۇلنى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.»

  چىڭخۇا داشۆسى جۇڭگو يېزا تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ خوڭيۈ مۇنداق دەپ قارىدى: «دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتىدىن يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىشتە دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالى، يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.»

  ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇش __ ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جايلار، تارماقلار قىزىل سىزىقنى ساقلاش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇردى. 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا يۇقىرى سۈپەتتە تۈرتكە بولدى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە قۇرغاقچىلىقتىمۇ، ھۆلچىلىكتىمۇ ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغان، يۇقىرى، مۇقىم ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغان 1 مىليارد مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 1 تىرىليون جىڭدىن ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  تېرىلغۇ يەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جان تومۇرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتا تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن سان، سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، پەرۋىش قىلىپ، تېرىلغۇ يەر سانىنىڭ ئازىيىپ كەتمەسلىكىگە، سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بۇ يىل كۈزلۈك يىغىمدا، جياڭشى ئۆلكىسى يۇڭفېڭ ناھىيەسى يەنپى بازىرى تۇجيا كەنتىدىكى دېھقان ليۇ شياۋپىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ شال دولقۇنىغا ئەگىشىپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ماشىنا بىلەن يەر تېرىش، مايسا يېتىشتۈرۈش، ئۆسۈملۈك ئاسراش، ئورۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تاپشۇرۇپ بەردۇق، ھەر مو يەردىن 120 نەچچە يۈەن تەننەرخنى تېجەپ قالالايمىز.»

  جاڭ خۇڭيۈ مۇنداق دېدى: «چوڭ دۆلەت، ئۇششاق يېزا-ئىگىلىكىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى، يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىغا ماسلىشىپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش جەريانىدا دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بېيىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يەرنى كۆلەملىك باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت كۆلىمى بويىچە باشقۇرۇشنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.»

  «بىز پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپلەشكەن، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن يول ئىزدەيمىز.» يۇڭفېڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جيەنپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ناھىيە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمىتىنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى تاڭ رېنجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش سىگنالى چېلىندى، بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، تەمىنلەش كاپالىتى بىخەتەر بولغان، ئىشەنچلىك بولغان، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىلغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزغان، ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن ۋە مۇكەممەل بولغان كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ يۇقىرى تېخنىكىلىق بولۇش، بايلىقتىن پايدىلىنىش تۈجۈپىلىك بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، خەلقئارا رىقابەت ئەۋزەللىكى روشەن بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ