مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى فېڭشيەن شۆبە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى تاڭ لىنا 1- سوتتا12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2022.11.03 10:27 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ شاڭخەي شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر سوت مەھكىمىسى 2- چېسلا 1- سوتتا شاڭخەي شەھىرى فېڭشيەن رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى فېڭشيەن شۆبە ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى تاڭ لىنانىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم چىقارغان.

  شاڭخەي شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ ئېنىقلاش ئارقىلىق 2007- يىلىدىن 2021- يىلىغىچە، جاۋابكار تاڭ لىنانىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ياڭپۇ شۆبە ئىدارىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، شاڭخەي شەھىرى فېڭشيەن رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى فېڭشيەن شۆبە ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 24 مىليون 10 مىڭ يۈەن پۇل ـ مېلىنى ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

  شاڭخەي شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار تاڭ لىنانىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ دەپ قارىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن، جاۋابكار تاڭ لىناغا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 12 يىللىق قاماق جازاسى بەردى، قوشۇمچە 2 مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى؛ پارا ئېلىپ ئېرىشكەن پۇل-مېلى ۋە ئۇنىڭدىن شەكىللەنگەن پايدىسىنى قايتۇرۇۋېلىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ