مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياشانغاندىكى كۈتۈنۈش پۇلىڭىزنى قانداق ھېسابلاشنى بىلەمسىز؟

2022.10.25 21:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى تۇرمۇش سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىزچىل كۆپچىلىك ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان تېما بولۇپ كەلدى. ئۇنداقتا، كەلگۈسىدە قانچىلىك ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ئالالايدىغىنىڭىزنى بىلەمسىز؟

  ئادەتتە كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى «ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى» ۋە «شەخسىي ئىسچوتتىكى كۈتۈنۈش پۇلى»دىن تەركىب تاپىدۇ:

  ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى: X

  سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار پېنسىيەگە چىققاندا، شۇ جايدىكى ئالدىنقى يىللىق ئىش ئورنىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى: A

  شۇ كىشىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ھەق تاپشۇرۇش مائاش كۆرسەتكۈچى: B

  ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى: C

  X=A×(1+B)/2×2×1%

  شەخسىي ئىسچوتتىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى: Y

  سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار پىنسىيىگە چىققاندا شەخسىي ئىسچوتتىكى جەمئىي ئامانەت سوممىسى: C

  شۇ كىشىنىڭ پىنسىيەگە چىقىش يېشىغا ماس كېلىدىغان ھېسابلاپ تارقىتىلغان ئاي سانى: D

  Y=C/D

  بەزى دوستلارنىڭ يەنە بىر «ئۆتكۈنچى كۈتۈنۈش پۇلى» بار، ئۇنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى ھەرقايسى جايلاردا ئوخشىمايدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۈتۈنۈش پۇلىنى كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ئالىدۇ، ئۇزاق تاپشۇرغانلار كۆپ ئالىدۇ!

  ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي ئىسچوتتىكى كۈتۈنۈش پۇلى شۇنچە كۆپ بولىدۇ؛ ھەق تاپشۇرۇش سەۋىيەسى قانچە يۇقىرى، پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتى قانچە كېيىن بولسا، شەخسىي ئىسچوتتىكى كۈتۈنۈش پۇلى شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

  ھېسابلاشنىڭ يەنە بىر ئەپچىل چارىسى بار، http://si.12333.gov.cn بۇ تور ئادرېسىنى بېسىپ كىرىپ، مۇناسىپ سانلارنى كىرگۈزسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى مۆلچەرىي ھېسابلىيالايسىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ