مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ساختا پۇلنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىپ، ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىڭ

2022.10.25 21:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈنكى كۈندە، كۆچمە چىقىم قىلىش تەدرىجىي ھالدا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش مەركىزىنى ئىگىلىدى، لېكىن نۇرغۇن ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قەغەز پۇل يەنىلا ئۇلارنىڭ ئاساسلىق چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. بانكا خىزمەتچىلىرى كۆپچىلىككە كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بىر پارچە خەلق پۇلىنىڭ راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشتە، ئادەتتە كۆرۈش، سىلاش، ئاڭلاش ۋە ئەسۋاب ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىكەن.

  بىرىنچى، قاراش: كۆز بىلەن پۇلنىڭ سىرتقى رەڭگى، مۇقىم سۇ باسمىسى، بىخەتەرلىك سىزىقى، نۇردا ئۆزگىرىشچان سومما سانى، نەقىش قاتارلىق ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئالاھىدىلىكىنى كۆزىتىش، ئاساسلىقى يورۇقلۇق ئۆتكۈزۈش ۋە تەۋرىتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل كۆزىتىش ئۇسۇلى بار.

  ئىككىنچى، سىيلاش: بارماق بىلەن پۇلنى سىلاش ئارقىلىق، پۇلنىڭ قەغىزى ۋە ئالاھىدە ئورۇندىكى نەقىشنىڭ ئۆزگىچە قول سېزىمىنى ھېس قىلىش. پۇل يۈزىدىكى دۆلەت گېربى، باش سۈرىتى، خەلق بانكىسىنىڭ نامى، سومما سانى، ئەمالار يېزىقى قاتارلىق رەسىملەرنى تۇتقاندا ئوي-دۆڭ قول سېزىمى بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئاڭلاش: ھەقىقىي پۇلنى تىترەتكەندە، بارماق بىلەن يېنىك چەككەندە، پۇلنى ھەرىكەتلەندۈرگەندە زىل ئاۋاز چىقىرىدۇ؛ ساختا پۇل قەغىزىنىڭ ئەۋرىشىملىك دەرىجىسى بىر قەدەر ناچار بولغاچقا، ئاۋازى سۇس چىقىدۇ.

  تۆتىنچى، تەكشۈرۈش: لوپا ئەينەك قاتارلىق سايمانلار ۋە مەخسۇس پۇل تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى ئارقىلىق پۇلنىڭ راست-يالغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.

  ساختا پۇل «تۇزاق»لىرىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟ تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار كۆپ ھاللاردا ئىككى ئادەم شېرىكلىشىپ، بىر-بىرىنى گەپكە سالغان بولۇپ ئويۇن قويىدىكەن. دەسلەپتە چوڭ سوممىلىق ھەقىقىي پۇلدىن پايدىلىنىپ پۇل تۆلەيدىكەن، يەنە بىرى يالغاندىن ئۆزىدە پارچە پۇل بارلىقىنى ئېيتىپ، ھەقىقىي پۇل قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، يەنە «پارچە پۇل يەتمەيدىكەن» دېگەننى باھانە قىلىپ، ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن ساختا پۇل ئارقىلىق پۇل تۆلەيدىكەن. ئالماشتۇرۇۋېتىش ئالدامچىلىقىغا قارىتا، كۆپچىلىك شۇنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەككى، قولدىن ئۆتكەن پۇل سوممىسى مەيلى قانچىلىك چوڭ بولسۇن ئىنچىكىلىك بىلەن كۆرۈپ، راست-يالغانلىقىنى دەلىللەش كېرەك. قارشى تەرەپ پۇل ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا، چوقۇم كۆپرەك دىققەت قىلىش كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئالدى بىلەن بىر پارچە ساختا پۇل ئارقىلىق سودىگەرلەرنىڭ ھوشيارلىقى ۋە پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى سىنايدۇ، ئەگەر مەقسىتىگە يەتسە، زور مىقداردا ساختا پۇل ئىشلىتىپ مال سېتىۋالىدۇ، بەزىدە ساختا پۇللارغا راست پۇللارنى ئارىلاشتۇرىدۇ. سودىگەرلەر كۈندىلىك تىجارەت جەريانىدا چوقۇم ساختا پۇلغا قارشى تۇرۇش ئېڭى ۋە ساختا پۇلنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى، شارائىتى بارلار پۇل ساناش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ، زۆرۈر بولمىغان مال-مۈلۈك زىيىنىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ