مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2023-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

2022.10.25 21:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 24-كۈنى دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2023-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش پات ئارىدا باشلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى ئىمتىھان ئارقىلىق 37 مىڭ 100 ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانلاندى.

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 10-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 8:00 دىن 11-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 18:00 گىچە، «مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2023-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش مەخسۇس تور بېكىتى»گە چىقىپ، توردا تىزىملاتسا بولىدۇ. ئاممىۋى پەنلەر يېزىقچە ئىمتىھانى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىرى، ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرى، ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەركىزى ۋە قىسمەن چوڭراق شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىنىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىش پىلانى نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق رايونلارغا مايىللاشتۇرۇلىدىكەن. 25 مىڭ پىلان مەخسۇس ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىكەن ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، 28 مىڭغا يېقىن پىلان ناھىيە (رايون) دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارغا تولۇقلىنىپ، جاپالىق، چەت-ياقا رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئورگانلىرى خىزمەت ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتگە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇش تارىخى تەلىپى تۆۋەنلىتىلىپ، كەسىپ شارائىتىنى بوشىتىش، خىزمەت ئىستاژى ۋە كەچۈرمىشىنى چەكلىمەسلىك قاتارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، كىرىش بوسۇغىسى تۆۋەنلىتىلىپ، ئاساسىي قاتلام مەمۇرلار قوشۇنى يەنىمۇ تولۇقلىنىدىكەن. ئىختىساسلىقلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە يۆتكىلىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكلەش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندا ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىدىغان خادىملار ۋە ئارمىيەدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقىنىغا بەش يىلدىن ئاشقان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەردىن 3000 دىن ئارتۇق ئادەم نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، دىققەتنى دەل جايىدا، ئىلمىي بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرگە ۋە دەرىجىگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش لازىم. ئاممىۋى پەنلەر يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇنى مەمۇرلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئاساسىي ئىقتىدار ۋە ئوخشاش بولمىغان خىزمەت ئورنى، تۈرى، ئوخشاش بولمىغان قاتلام دەرىجىلىك ئورگاننىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ، مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرىدىكى خىزمەت ئورنىغا قارىتا نەزەرىيە تەپەككۇرىنى باھالاش، ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ شەھەر (ۋىلايەت) دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرىدىكى خىزمەت ئورنىغا قارىتا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى باھالاش، ئاساسىي قاتلام خىزمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرىدىكى خىزمەت ئورنىغا قارىتا قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارنى باھالاشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. يۈزتۇرا ئىمتىھان مەزمۇنىدا قوبۇل قىلغۇچى ئورگان ۋە قوبۇل قىلىش ئورنىنىڭ خىزمەت مەزمۇنى، خاراكتېرى، ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوخشاش بولمىغان تارماق، ئوخشاش بولمىغان كەسىپتىكى ئوخشاش بولمىغان ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. كەسپىي ئىقتىدارنى ئۆلچەش، باھالاشتا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئېھتىياجى چىڭ تۇتۇلۇپ، 10 تارماق يېزىقچە ئىمتىھان باسقۇچىدا كەسپىي پەن يېزىقچە ئىمتىھانىنى تەشكىللەيدۇ، 50 تارماق يۈزتۇرا ئىمتىھان باسقۇچىدا كەسپىي ئىقتىدار سىنىقىنى تەشكىللەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ