مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«چوڭ پارتىيە قىيىن مەسىلىلەر»گە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سەگەك ھەم قەتئىي بولدى

2022.10.19 19:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات تەدبىرىنى پىلانلىغان ج ك پ 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئۆزىگە قويغان تەلىپى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى.

  100 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن، 96 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتتە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېنىق بولغان ئۆزلۈك تونۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  «پارتىيەمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزىگە خاس قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلىشى شەرت.»

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چاقماق تېزلىكىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نۇرغۇن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. لېكىن، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنى ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئىدارە قىلىشتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆزى دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى، تاشقى مۇھىت سىنىقىنىڭ ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى، روھىي بوشاڭلىق خەۋپى، ئىقتىدار يېتىشمەسلىك خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق، چىرىكلىك خەۋپىنىڭ ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىشى كېرەك.

  «چوڭ پارتىيە قىيىن مەسىلىلەر»گە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، دوكلاتتا پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇلدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ھەرگىز بوشىشىپ قالىدىغان، ھېرىپ-چارچاپ ئۇرۇشتىن بىزار بولىدىغان كەيپىيات بولماسلىقى كېرەك، جەزمەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، 20-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىك ئاساسىدا مەۋقە ھازىرغا قويۇلۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈش-كۆزىتىش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش توغرىسىدىكى نۇرغۇن ئەڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  2021-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى «توققۇز جەزمەن» ئارقىلىق تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى تەجرىبە ۋە ئىلھامنى يەكۈنلىدى. بۇ، «جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «چىرىكلىك — پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئەڭ چوڭ زەھەرلىك ئۆسمە»، «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش — ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل بولغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش»، «قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، رەزىللىكنى جازالاش، ھەرگىز مادارا قىلماسلىق كېرەك».... مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، دوكلاتتا كېيىنكى باسقۇچتىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تەقسىملەشتە قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىم قىلىنىپ، تاشقى ساھەدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش «ئاستىلايدۇ»، «ئارام ئېلىنىدۇ» دېگەن پەرىزى تۈگىتىلگەن.

  ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىش — جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى. 20-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە قالايمىقانچىلىق ۋە تۈزەش، گۈللىنىش، خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن ھالقىپ چىقىدىغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىن ئىبارەت ئىككىنچى جاۋابنى تاپتى، يەنە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش تۈزۈم-قائىدە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  پارتىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتە، دوكلاتتا «مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش» ئايرىم بايان قىلىندى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ___ دوكلاتنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى ئىكەن.

  دوكلاتتا «كادىرلارنىڭ كۈرەش قىلىش روھى ۋە كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش»، «كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، پائال نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش» قاتارلىق كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپلا قالماي، يەنە ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ھەر يەر-ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنىلا ئىشقا قويۇشتىن ئىبارەت كادىرلارنى تاللاپ تەيىنلەش يۆنىلىشى تەكىتلەندى.

  يېڭى ئىمتىھان يولىدا ياخشى مېڭىشتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتاينى ئاساس قىلىپ كەلگۈسىنى نامايان قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سەگەكلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى ھەر ۋاقىت ساقلايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ