مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بارلىق پارتىيە ئەزالىرى دىققەت! ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى بۇ سۆزلەرنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك!

2022.10.19 19:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 16-كۈنى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلدى.

  شى جىنپىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن يىغىنغا بەرگەن دوكلاتتا دېيىلگەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى بۇ سۆزلەرنى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك!

  1. بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، پارتىيە قالايمىقانچىلىق ۋە تۈزەش، گۈللىنىش ۋە خارابلىشىشنىڭ تارىخىي دەۋرىيلىكىدىن ھالقىپ چىقىدىغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككىنچى جاۋابنى تېپىپ چىقىپ، پارتىيەنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  2. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، بوشىشىپ قېلىشقا، جەڭدىن زېرىكىش كەيپىياتىدا بولۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.

  3. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىش شەرت.

  4. پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەمىزنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  5. پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش تۈزۈم-قائىدە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆتكۈر قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

  6. قاتتىق بولۇش ئاساسىدا ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى نۇقتىلىق تۈزىتىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھەرىكىتىنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك.

  7. چىرىكلىك — پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئەڭ چوڭ زەھەرلىك ئۆسمە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش — ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل بولغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتۇر.

  8. چىرىكلىك مەسىلىسى پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىت بولسىلا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر مىنۇتمۇ توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، جەزمەن مەڭگۈ ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالىنى چېلىپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى جازالاش، ھەرگىز مادارا قىلماسلىق كېرەك.

  9. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش — پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ، يېڭى ئىمتىھان يولىدا ياخشى مېڭىشىدىكى مۇقەررەر يول.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ