مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلدى

2022.10.19 19:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكى يېقىندا گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ۋېي فېڭخې مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتى مەزمۇنى چوڭقۇر، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئومۇمىيەتنى ئىگىلىگەن ياخشى دوكلات بولۇپتۇ. ئون يىلدىن بۇيان بىز يولبويى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، غەلىبىدىن غەلىبىگە يۈزلىنىپ، ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلۇغ مۆجىزە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقتۇق، بۇنىڭ نېگىزى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغانلىقىدا. «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇش كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولى تۈرلۈك جاپا-مۇشەققەت، خەتەرلىك توسالغۇلار، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنلارغا تولغان مۇرەككەپ، كەسكىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتى ئالدىدا، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ئۇرۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  لى زوچېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتنىڭ بايرىقى روشەن، باش تېمىسى گەۋدىلىك، مەيدانى يۈكسەك، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇپتۇ. يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشتە، ئەڭ نېگىزلىكى «ئىككىنى بېكىتىش»، بۇ، بىزنىڭ بارلىق خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، بارلىق جاپا-مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىشتىكى ئەڭ چوڭ ئاساسىمىز، ئەڭ چوڭ كاپالىتىمىز. رەئىس شى جىنپىڭ رول ئېلىپ يول باشلىسا، ئۆتكىلى بولمايدىغان داۋان، ئۆتكىلى بولمايدىغان ئۆتكەل بولمايدۇ، چوقۇم بەلگىلەنگەن نىشاننى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل — دۆلىتىمىز يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، خەلق ئارمىيەسى تېخىمۇ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا چۈشىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالدىن كۆرەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇش تەپەككۇرى ئارقىلىق جەڭنى تەتقىق قىلىپ، جەڭنى پىلانلاپ، ھەربىي مەشىق ئارقىلىق ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق جەڭگە تاقابىل تۇرۇپ، ھەربىي قاتتىق ئەمەلىي كۈچنى تېز ئاشۇرۇپ، يېڭى ساھەنىڭ يېڭى سۈپەت يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەپ، سىستېما قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، ئارمىيە قۇرۇشنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مياۋ خۇا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتتا، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىي پىروگراممىسى تۇرغۇزۇلۇپتۇ. بۇ، بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەيدىغان، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ قۇدرەت تاپىدىغان، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى دوكلات، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك يەنە بىر ھۆججەت بولۇپتۇ. يېڭى دەۋردىكى ئون يىلدا يارىتىلغان مۆجىزىلەر، ئىشقا ئاشقان سەكرەشلەر تارىخىي خاراكتېرلىك بولۇپ، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق يول باشلىشى، ئىدىيە يېتەكچىلىكىگە تايانغانلىقىدىن بولغان. 100 يىلدىن ئون يىلغا قارىغاندا، «ئىككىنى بېكىتىش» تارىخىي مۇقەررەرلىك؛ ئون يىلدىن يېڭى 100 يىلغا قارىغاندا، «ئىككىنى بېكىتىش»تە چىڭ تۇرۇش دەۋرنىڭ تاللىشى. بۇ زور سىياسىي نەتىجىنى قوغدىغانلىق دەل پارتىيەنىڭ تەقدىرى، دۆلەت تومۇرى ۋە گۈللىنىش ئىستىقبالىنى قوغدىغانلىقتۇر. دىققەتنى «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېز قوزغاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ، ئادەم تەربىيەلەشنى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر يېڭى مۇساپىسىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار ھالىتى ئارقىلىق ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئارمىيە قۇرۇشنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جاڭ شېڭمىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتى بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەيدىغان، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، گۈللەندۈرۈپ قۇدرەت تاپىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى دوكلات بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەگە يۆنىلىشنى مۇستەھكەملەيدىغان، خەلققە قۇدرەتلىك كۈچ ئاتا قىلىدۇ، شۇنداقلا بۈگۈنكى زىددىيەت ۋە خىرىسقا تولغان دۇنياغا ئىشەنچ ۋە ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ. يېڭى دەۋردىكى ئون يىل — پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى رەڭدار شانلىق سەھىپە بولۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يادرو يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يادرو كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدۇ، يادرو كۈچ توپلايدۇ. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىگە بولغان چوڭقۇر تەسىراتنى «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش يۈكسەك ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، يادرونى سادىقلىق بىلەن قوغداپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قەرەلىدە يېتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ