مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋەكىل شياڭ خۇي

يېزا-كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمەن

2022.10.19 14:35 مەنبە: خەلق تورى

  خۇبېي ئۆلكىسى لەيفېڭ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك باغچىسى مېۋە - كۆكتات كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپىنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى، 20-قۇرۇلتاي ۋەكىلى شياڭ خۇي مۇنداق دېدى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسپ، ئىختىساسلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلىي گۈللىنىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش مېنى ئىلھاملاندۇردى، ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى. 2010-يىلى يۇرتۇمغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ ھەمكارلىق كوپېراتىپى قۇردۇم، 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇساپىسىگە گۇۋاھچى بولدۇم. ھازىر، يېزا-كەنتلەرنىڭ قاتنىشى قولايلاشتى، ھەممە ئائىلىگە تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزۈلدى، كىشىلەر ئالاقە تورى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى بەختلىك ئۆتمەكتە.

  شياڭ خۇي يەنە كېيىنكى قەدەمدە، يېزىلارنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىيات ئىستىقبالى بار كەسىپكە، يېزىلارنى دېھقانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلىشىگە ماس كېلىدىغان بەختلىك ماكانغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ