ئېكران ئالدىدىكى بىر كۇنۇپكا بىلەن يىراقتىن كونترول قىلىش ئارقىلىق، سېختىكى پولات ئېرىتمىسى دەل جايىدا ئېسىپ توشۇلدى. «G5 + سانائەت ئالاقە تورى»دىن پايدىلىنىپ، باۋگاڭ مېيگاڭدىن ئىبارەت بۇ كونا پولات زاۋۇتى يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. زاۋۇت رايونىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن زاۋۇتنى G5غا ئۇلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش __ ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، ھەر يىلى يەنە 7 مىليون 400 مىڭ يۈەن تەننەرخنى تۆۋەنلىتىدۇ».
ھېسابلاش كۈچى بايلىقى ھەمكارلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كۆپ تەرەپلىك ئېقىم مىقدارى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ يىل 6-ئايدا، جۇڭگو ھېسابلاش كۈچى تورى ____ جىسۇەن تورىنىڭ 1 –قارارى تورغا چىقىرىلدى؛ شېنياڭ، فۇجوۋ، چاڭشا قاتارلىق يەتتە تۈگۈننىڭ تورغا يېڭىدىن ئۇلىنىشى بىلەن مەملىكەتتە مىقياسىدا ھېسابلاش كۈچى بويىچە بىر تورنىڭ دەسلەپكى شەكلى ھازىرلاندى.
ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسى تېز ئۆستۈرۈلدى، يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەر سىجىل ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋى كەسىپلەر سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ ئىگىلەپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بازار رىقابەت كۈچى كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك».
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەمەلىي ئىقتىساد، بولۇپمۇ ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئون يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ سىستېمىسىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەسىپنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى، سۈپەت ئۈنۈمى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، رىقابەت كۈچى، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشتەك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قاراپ چوڭ قەدەم تاشلاپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، پەن -تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە، ئادەم كۈچى بايلىقى ماس تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشقا پۇختا ئاساس سالدى.
ياسىمىچىلىقنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىشقا كۈچ چىقىرىلىپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ، تېگى تېخىمۇ چىڭ بولدى. 2012-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 16 تىرىليون 980 مىليارد يۈەندىن 31 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئىگىلىگەن نىسبىتى %20تىن %30كە يېقىنلاشتى. دۆلىتىمىزدە 41 سانائەت چوڭ تۈرى، 207 سانائەت ئوتتۇرا تۈرى، 666 سانائەت كىچىك تۈرى بار، 500 خىل ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتى ئىچىدە، دۆلىتىمىزدە %40تىن ئارتۇق مەھسۇلاتنىڭ مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى.
ئەۋرىشىملىكى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئاساسى تېخىمۇ پۇختا بولدى. ئېتىزدىكى ئادەمسىز توكلۇق تىراكتورنى تەتقىق قىلىپ ياساش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن تارتىپ، دوختۇرخانىدا سۆڭەك كېسەللىكلىرى ئوپېراتسىيەسى ماشىنا ئادىمىنىڭ كىلىنىكىدا قوللىنىلىشى، يەنە زاۋۇت، كان، كارخانىلارنىڭ بەش ئوقتا تەڭ پىششىقلاش مەركىزىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقىچە... زور بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. ئارتۇقچىلىق تاۋلىنىپ، كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىپ، بوشلۇق تولدۇرۇلدى، ئون يىلدىن بۇيان، كەسىپ ئۇل ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلىپ، رېلىسلىق قاتناش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق ئاساسىي مەھسۇلات ۋە ماتېرىياللار دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇردى؛ ئېنېرگىيە باتارېيەسى، جۇغلانما ماتېرىيال ياساش قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدىن 22سى قۇرۇلدى.قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى. 140 مىليون توننا تاياقسىمان پولاتنىڭ ھەممىسى تازىلاندى، ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليۇمىن، سېمونت قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاساسەن تۈگىتىلدى؛ زور تېخنىكا ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشلىرى تېز يولغا قويۇلدى... ئون يىلدىن بۇيان، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمى پۇختا بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ، يېشىللاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2012-يىلىدىن بۇيان، تېخنىكا ئۆزگەرتىش سېلىنمىسىنىڭ سانائەت سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى داۋاملىق %40تىن يۇقىرى بولدى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت بىرلىك قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى «13-بەش يىل»دا %16 تۆۋەنلەش ئاساسىدا، 2021–يىلى يەنە %5.6 تۆۋەنلىدى.
يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى تېز، مۇقىم بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى كۈچلۈك ئۇرغۇتۇلدى.
يېڭى تىپتىكى تۈۋرۈك كەسىپلەر ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئىستېمال دەرىجىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەر دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىقلار دۆلەت ئىچىدىكى كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە چەت ئەللەردىمۇ بازار تاپتى؛ مۇلازىمەت ماشىنا ئادىمى ئائىلە مۇلازىمىتى، داۋالاش -سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە كۆلەملەشتۈرۈلۈپ قوللىنىلىپ، سانائەت ماشىنا ئادىمى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ بازاردا مۇقىم پۇت تىرەپ تۇرالىدى... ئون يىلدىن بۇيان، يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ ياسىمىچىلىققا بولغان تىرەكلىك رولى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.
مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىناتى سىجىل ئېشىپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەتچىلىك يېڭى سىستېمىسى تېز بەرپا قىلىندى.
يۇغۇرما تەرەققىيات قەدىمى تېزلىتىلدى. ئون يىلدىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىكنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسى سىجىل ئۆستۈرۈلدى، خاسلاشتۇرۇپ زاكاز قىلىش، تورلاشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى، ئىلغار ياسىمىچىلىق بىلەن زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك تېز يۇغۇرۇلدى. 2021-يىلى، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىك پائالىيىتى كۆرسەتكۈچىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە قىممىتى %55تىن يۇقىرى، بىرقەدەر يۇقىرى گۈللىنىش دائىرىسىدە بولدى، تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىللىشىشقا يۈزلەندى؛ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى ئۇدا سەككىز يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، ئۇدا توققۇز يىل دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تور پارچە سېتىش بازىرىغا ئايلاندى؛ ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە كۆچمە چىقىم سودا سوممىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا تېببىي دورا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ، ئىمپورت قىلىنغان 60 نەچچە خىل دورىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئەتىسى يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ مەملىكەت بويىچە تۇنجى «جۇڭگو پوچتىسى» نومۇرلۇق مەخسۇس پويىز قاتناپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (چۇڭچىڭ- شىنجاڭ–ياۋروپا)نىڭ پوچتا تىرانسپورتىنى دائىملاشتۇرۇش، كۆلەملەشتۈرۈش مەشغۇلاتىغا تۈرتكە بولۇندى... بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، خەينەن، چۇڭچىڭ مۇلازىمەتچىلىك بويىچە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئۇنىۋېرسال سىناق نۇقتىسىغا ئايلاندى؛ بەش ئۆلكە، شەھەر ئۆز رايونى ۋە كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مۇلازىمەتچىلىك بويىچە ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تېز قانات يايدۇردى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى، دۆلىتىمىز مۇلازىمەتچىلىكى چەت ئەل مەبلىغىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي موتورلۇق رولىنى داۋاملىق زىممىسىگە ئالغان.
ئالاھىدە ئون يىلنى ئەسلىسەك، دۆلىتىمىز «ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتى»، «تور چوڭ دۆلىتى»دىن «ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى»، «تور كۈچلۈك دۆلىتى»گە ئايلىنىشتەك تارىخىي ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئۆز ئالدىغا كونترول قىلغىلى بولىدىغان، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قۇرۇلمىسى ئەلا، رىقابەت كۈچى كۈچلۈك مۇلازىمەتچىلىك يېڭى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى